- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋات ناھىيەسىدە كەنت دوختۇرلىرى تەربىيەلەندى
2016.03.03 15:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە مۇددىتى ئىككى كۈنلۈك بولغان 2016-يىللىق بىرىنچى قارارلىق كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. كۇرسقا پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىن كەلگەن 216 نەپەر كەنت دوختۇرى قاتناشتى.
كۇرستا پىلانلىق ئىمونىتلاش بىلىملىرى، ئىمونىتلاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىبىركىلىيوزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىدىن نوقتىلىق دەرس سۆزلىنىش بىلەن بىرگە كەنت دوختۇرلىرىنىڭ فونكىسىيەلىك رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدىمۇ مەخسۇس دەرس سۆزلىنىپ، كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يوقۇرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھىرمەن قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر