باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۇلۇغۋار يېڭى نىشانغا ئاتلاندى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى

2016.02.29 13:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016 - يىللىق چاغان بايرىمى تېخى تولۇق ئاخىرلاشمايلا، كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلاندى.

  كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا %25لىك سۈرئەتتە ئېشىپ، 2015 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۇدا تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. تەرەققىيات رايونى 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت 13 - بەش يىللىق ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، كورلا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  جېجياڭنىڭ «فۇلىدا»، «جىنفۇ»، «چېنلۇن»، «جىنشېڭ» قاتارلىق دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ماركىلىق پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئارقا - ئارقىدىن تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى. تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل پۈتۈن كۈچ بىلەن نۇقتىلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى قارار قىلدى.پانۇس بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق «جىنفۇ» ئالاھىدە يىپچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرىنچى سېخىدا يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى خام ماتېرىيالنى ئۇياقتىن بۇياققا توشۇۋاتاتتى. ئىشچى ئامىنە ھىمىت ئىككى گۇرۇپپا يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ، يىپ ئۇچىنىڭ ئۇلانغان - ئۇلانمىغانلىقىنى چاققانلىق بىلەن تەكشۈرۈۋاتاتتى. مەزكۇر شىركەتتىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەردىن تارتىپ ئادەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگىچە چاغاننىڭ 8 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىشقا تولۇق كىرىشتۈرۈلگەنىدى. شىركەت ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى نيۇ ۋېنكۇينىڭ دەپ بېرىشىچە، چاغاننىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ «جىنفۇ» ماركىلىق ئالاھىدە يىپىنى باسقان مەخسۇس پويىز كورلىدىن خاڭجۇغا يۈرگەن بولۇپ، بۇ، شىنجاڭدىن يىپ بېسىپ ئىچكىرىگە قاتنىغان تۇنجى پويىز بولۇپ، بىر قېتىمدا 800 توننا ئالاھىدە يىپنى توشۇيالايدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يېڭى نورمال ھالەتنى ساقلاشقا كۈچەۋېتىپتۇ.

  تەرەققىيات رايونىدىكى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا بىكار تۇرغان بىر ئورۇندا شىنجاڭ «فۇلىچېنلۇن» پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر قاتار زاۋۇت ئۆيلىرى قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، شىركەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فەن بىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ بولۇنغان 1 - ، 2 - سېختىن باشقا، 3 - سېخ ئەتە - ئۆگۈن سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ؛ 3 -، 4 -، 5 - ئايلاردىن يىل ئاخىرىغىچە ھەر ئايدا بىردىن سېخ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل 12 سېخ تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ! مەن يەنە ئۇلارنىڭ باش باھاردا جىددىي پۈتتۈرۈلگەن ئىشخانا بىناسى ۋە ياتاق بىناسىنىڭمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، يېقىندا ئىشلىتىلىشكە باشلايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.

  كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا تۈرلۈك توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسىدىن 18ى بار بولۇپ، توقۇمىچىلىق كەسپى تەرەققىيات رايونىنىڭ خېرىدار چاقىرىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى ئىكەن. 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شەنبە بولسىمۇ، تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكىلەر ئىشقا تولۇق كېلىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر تىۋىتچىلىق كارخانىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، توقۇلما تالا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېسىل رەختلەرنى كېيىن رەتلەش تۈرىنى تەرەققىيات رايونىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ. مەبلەغ سالغۇچى تەرەپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىۋىت بايلىقىغا قىزىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭرى تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپتۇ.

  كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شەھەرچىسىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلەتكەچكە، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىيات رايونىدىكى ئالدىن نۇقتىلىق يۆلىنىدىغان كەسىپكە ئايلىنىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تېز ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ، تەرەققىيات رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى «باش رولچى»غا ئايلىنىپتۇ. 2015 - يىلى توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، تەرەققىيات رايونى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %28ىنى ئىگىلەپتۇ؛ شۇ يىلقى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 7 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تەرەققبىيات رايونى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز توقۇمىچىلىقى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %28ىنى ئىگىلەپتۇ.

  ئىگىلىشىمچە، كورلا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىغا 67 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، جەمئىيەتنى 200 مىڭدىن كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ، ئېلىمىز بويىچە تەسىرى ئەڭ زور ئەلا سۈپەتلىك توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر