- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا زور تەرەققىيات ۋە شان - شەرەپلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
2016.02.26 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) « 2015 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا زور تەرەققىيات ۋە شان - شەرەپلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇۋەپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 15ئالتۇن مېدال، 11كۈمۈش مېدال، 16مىس مېدالغا ئېرىشىپ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. شىنجاڭ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە شان - شەرەپ قۇچۇلدى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك 4كۈچلۈك كوماندىغا كىردى، شىنجاڭدا كەنتلەرگىچە «دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيەدە چېنىقىش قۇرۇلۇشى» ئومۇميۈزلۈك ئومۇملىشىشپ، بۇ جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشقان ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى، مەملىكەتلىك 16Uئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى مەملىكەت بويىچە 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. شىنجاڭ قىزلار پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 5ئالتۇن مېدال، 7كۈمۈش مېدال، 10مىس مېدالغا ئېرىشتى، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە 25قېتىم 1- ، 20قېتىم 2- ۋە 31قېتىم 3 - بولدى، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلەر ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ» دېدى 25 - فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 2016 - يىللىق تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن.
ئىگىلىشىمچە، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە بەش ناھىيە دەرىجىلىك «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق چېنىقىش مەركىزى»، 14يېزا، بازار دەرىجىلىك «دېھقانلار تەنتەربىيە چېنىقىش قۇرۇلۇشى»، 801كەنت دەرىجىلىك «دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيەدە چېنىقىش قۇرۇلۇشى» ۋە 15مەھەللە ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە مەيدانى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن. 72كەنتتە 36مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ «تەنتەربىيەدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» پۈتكەن. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا چېلىشىش قاتارلىق 8چوڭ تەنتەبىيە مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، تەنتەربىيەنىڭ ئومۇملىشىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پۇتبول ھەرىكىتى، مەكتەپلەر پۇتبول تەنھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن، چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرىمدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز «13 - بەش» يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق چېنىقىش مەركىزى» نى، يېزا، بازار دەرىجىلىك «دېھقانلار تەنتەربىيە چېنىقىش قۇرۇلۇشى» نى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرىدىكەن. قەشقەر تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياردەم قىلىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تاماملايدىكەن. ھەرقايسى تۈرلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشىقلىنىشىنى كۈچەيتىپ، 2017 - يىلى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىدىكەن. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسباىقىسى نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىپ، داۋاملىق تۈردە تىرىشىپ 2020 - يىلىدىكى ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 14 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2022 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر