باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويىدۇ

2016.02.23 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مەخسۇس ھەرىكىتى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توغرا مۇلازىمەت، جانلىق باشقۇرۇش، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ «مەخسۇس ھەرىكىتى پىلانى» نى يولغا قويۇش ۋاقتى2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بۇلۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ھەر نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەر خىل ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتى تۈرى مۇددىتى توشقاندىن كىيىن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى سۈرۈكى توشقان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، 2016 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق مەخسۇس تۈر پىلانىنىڭ نىشانى ئۆز جايىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن تىرىشىش ياكى ھەممىسىنى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە كىرگۈزۈپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئىسمى بىلەن تىزىملانغان، 2016 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى % 85 تىن ئاشۇرۇش ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر