باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

2016.02.14 12:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2016– يىل 1– ئاينىڭ 16– كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4– يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

  1.1 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹بۇ نىزام يەرلىك نىزام چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يەرلىك نىزامنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش، نىزامنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش مەقسىتىدە، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى>غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.››

  3.2– ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹يەرلىك نىزام چىقىرىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىشتا ئاشكارا بولۇپ، خەلقنىڭ نىزام چىقىرىش پائالىيىتىگە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.››

  5.3– ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ 3 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹يەرلىك نىزام چىقىرىشتا، ئۈستۈن قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا ئادەتتە تەكرار بەلگىلىمە چىقىرىلمايدۇ.››

  9.4 – ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹دائىمىي كومىتېت ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىقىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن كۆپ خىل شەكىلدە پىكىر ئېلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىشى كېرەك؛ مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللىرىنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرسا بولىدۇ.››

  5.بىر ماددا قوشۇلۇپ 22 – ماددىسى قىلىندى: ‹‹قانۇنچىلىق كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدىغان نىزام لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىشتىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى نىزام لايىھەسىدىكى مۇھىم تۈزۈم– قائىدىلەرنىڭ مۇمكىنلىكى، نىزام چىقىرىش پەيتى، نىزامنى يولغا قويۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى مۆلچەرلىشى كېرەك. مۆلچەرلەش ئەھۋالىنى قانۇنچىلىق كومىتېتى قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئىزاھلايدۇ.››

  6. 30 – ماددىسى 31 – ماددا قىلىنىپ، ئىككى تارماق قوشۇلۇپ 2 –، 3 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹نىزام لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، پىكىر ئىختىلاپى چوڭراق بولغان قىسمەن مۇھىم ماددىلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئايرىم ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

  ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدىغان ماددىلار دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئەھۋالىغا قاراپ، نىزام لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماسلىقنى قارار قىلىپ، قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.››

  7. بىر ماددا قوشۇلۇپ 32 – ماددا قىلىندى: ‹‹بىرقانچە نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىنى تۈزىتىپ، نىزام لايىھەسىنى تەڭلا ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كەلسە، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن بىرلىكتە ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ، ئايرىم– ئايرىم ئاۋازغا قويۇلسىمۇ بولىدۇ.››

  8. 42 – ماددىسى 44 – ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇلۇپ 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئېلان چىقىرىپ ئېلان قىلىدۇ.››

  9.بىر ماددا قوشۇلۇپ، 45 – ماددا قىلىندى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.››

  10. 43 – ماددىسى 46 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دائىمىي كومىتېت شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تۈزىدۇ. يەرلىك نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تۈزۈشتە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئىلمىي دەلىللەپ، باھالاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئېھتىياجىغا قاراپ چىقىرىلىدىغان نىزاملارنى بېكىتىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ دەللىكى، قاراتمىلىقى ۋە سىستېمىلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى مۇدىرلار يىغىنى ماقۇللايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  بىر تارماق قوشۇلۇپ 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە دائىمىي كومىتېتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.››

  11.بىر ماددا قوشۇلۇپ 47 – ماددا قىلىندى، 1 – تارمىقى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نىزام لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئالدىن قاتنىشىشى كېرەك؛ ئۇنىۋېرسال، ئومۇمىي ۋە ئۇل خاراكتېرلىك مۇھىم نىزام لايىھەلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەشكىللىسە بولىدۇ.››

  2 – تارمىقى: ‹‹كەسىپچانلىقى كۈچلۈكرەك بولغان نىزام لايىھەلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىگە ئالاقىدار ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتۇرۇلسا ياكى بۇ خىزمەت ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ.››

  12. 44 – ماددىسى 48 – ماددا قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ماددىنىڭ ئاخىرىغا: ‹‹نىزامنى تۈزىتىدىغانلار تۈزىتىشتىن بۇرۇنقى ۋە تۈزەتكەندىن كېيىنكى سېلىشتۇرما نۇسخىسىنىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەك›› دېگەن مەزمۇن قوشۇلدى.

  13. بىر ماددا قوشۇلۇپ 53 – ماددا قىلىندى: ‹‹يەرلىك نىزامدا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس ئىشلار توغرىسىدا يانداش كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان بولسا، ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە بەلگىلىمە چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يانداش كونكرېت بەلگىلىمە چىقارمىغان بولسا، دائىمىي كومىتېتقا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.››

  14. بىر ماددا قوشۇلۇپ 54 – ماددا قىلىندى: ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار نىزام ياكى نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى نىزام چىقارغاندىن كېيىن باھالىسا بولىدۇ. باھالاش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات قىلىدۇ.››

  15. 49 – ماددىسى 55 – ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇلۇپ 2 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزامنى ئەنگە ئالدۇرغاندا قانۇن، مەمۇرىي نىزام، يەرلىك نىزاملاردا جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىش ئەھۋالىنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك.››

  16. 50 – ماددىسى 56 – ماددا قىلىنىپ، 4 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹يۇقىرىدىكى تەلەپ ۋە تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى بىلەن ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ پىكىر بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ.››

  17. ئەسلىي نىزامدىكى ‹‹ئۈرۈمچى شەھەرلىك›› دېگەن مەزمۇن بىردەك ‹‹رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق›› دەپ تۈزىتىلدى، ‹‹ئوبلاستلىق (شەھەرلىك)›› دېگەن مەزمۇن بىردەك ‹‹رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق›› دەپ تۈزىتىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىي نىزام ئەدەبىي جەھەتتىن قىسمەن تۈزىتىلدى ۋە ماددا – تارماقلىرىنىڭ تەرتىپى مۇناسىپ تەڭشەلدى.

  بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر