باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئارمان» گۇرۇھى «پاي دەۋرى» نىڭ «ئىشىكىنى چەكتى»

2016.02.14 12:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى 25 – يانۋار ‹‹ئارمان›› گۇرۇھىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ بەدەل پېيى ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم شىركەتتىكى 19 خادىمغا بەدەل پېيى سوۋغا قىلىپ، ئۇلار بىلەن توختام ئىمزالىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بەدەل پېيى خادىملارنىڭ مەلۇم ئىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئاشقان پايدىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىگە بىۋاسىتە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن: ئەگەر ئاشقان پايدا 1 مىليون يۈەن بولسا، بۇنىڭ %60 ى بەدەل پېيى توختامى ئىمزالىغان خادىمغا، %40 ى شىركەتكە تەۋە بولىدىكەن. يەنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە قوزغىتىش مەقسەت قىلىنغان بۇ تۈزۈلمىدە ‹‹بەدەل تۆلىسىڭىزلا، پايدىغا ئېرىشەلەيسىز›› دېگەن پىرىنسىپ نامايان قىلىنغان. بۇ قېتىم ‹‹ئارمان›› گۇرۇھى بەدەل پېيى سوۋغا قىلغان ۋە كېلىشىم تۈزگەن ئەخمەتجان ئەلى، مەترۇللا قۇدرەت، ئەكبەر ئەنۋەر قاتارلىق 19 خادىم ئىچىدە ‹‹ئارمان›› شىركىتىدە ئون نەچچە يىل ئىشلىگەن خادىملارمۇ، شىركەتكە يېڭىدىن كىرىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك تۆھپە قوشقان ياشلارمۇ بار بولۇپ، ئىككى يىللىق توختام تۈزۈلۈپ، يېرىم يىلدا بىر پايدا تەقسىملىنىدىكەن.

  رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: بەدەل پېيى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ‹‹ئارمان›› شىركىتىنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشتىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر بىر خادىمنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشتىن، كەلگۈسى ئىستىقبالىدىكى ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. 20 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا يەنە شىركىتىمىزنىڭ ئۇلى پۇختىلاندى، ئەمەلىي كۈچى زورايدى. ئەمدىكى نىشانىمىز ‹‹ئارمان››دىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش. ئىشىنىمەنكى، بەدەل پېيى ئىسلاھاتى ئارقىلىق شىركىتىمىزدىكى خادىملار ئىچىدىن قابىل باشقۇرغۇچىلار يېتىشىپ چىقىپ، ‹‹ئارمان››نى تېخىمۇ يېڭى تەرەققىياتقا باشلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر