باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى

2016.01.28 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: )شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 25-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئەمدىلا قىشلىق تەتىلگە چىققان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پاتىگۈل كېرەم ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە خىزمەتداشلىرى پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئېقىندالا يېزىسىدىكى تەڭرىتاغ جىلغىسى سەيلىگاھىدا شۇ كۈنى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ساياھەت ئالاھىدە بايرىمىغا قاتناشقىلى چىقتى. ئۇلار سەيلىگاھدا ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار، چېلىشىش، ئارقان تارتىشىش، بۇقىچىلاپ تارتىشىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈردىكى مۇسابىقىلەرنى كۆردى، قازاق ئاياللىرىنىڭ ھەرخىل گۈلنەقىشلىرىدىن ھوزۇرلاندى. چانىغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلدى، بالىلار ئويۇنلارنى كۆرۈپ، قار ئېتىشىپ ئوينىشىپ، قار ئادىمى ياساپ ئويناشتى.

  ___ بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شەھەرنىڭكىدىن بەكلا ساپ ئىكەن، ئاسمانمۇ شۇنچە كۆك، شۇنچە گۈزەل، بۈگۈن بالىلارنى ئېلىپ چىقىپ ئۆزىمىزمۇ بەك خۇش بولدۇق، بالىلار ساپ ھاۋالىق بۇ يەردە تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇرۇن تېلىۋېزورلاردىلا كۆرىدىغان ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بەك خۇشال بولدى،- دېدى بۇ يەرگە سەيلىگە چىققان نۇرگۈل ھەسەن ئىسىملىك بىرەيلەن.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسى تۇمانلىق ھەم سوغۇق بولغىنى بىلەن شەھەردىن 40 كلومېتر نېرىدىكى بۇ ساياھەت رايونىدا كىشىلەر قۇياش پارلاپ چىققان كۆپ - كۆك ئاسمان مەنزىرىسىدىن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. نۆلدىن تۆۋەن ئوننەچچە گرادۇستىمۇ كىشىلەر ئانچە سوغۇق ھېس قىلمايتتى. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچىشى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدىمۇ بارغانسېرى «قىزىش» كۆرۈلدى، يازدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم تۇرىدىغان جاي تاپقىلى بولمايدىغان جەنۇبىي تاغ سەيلىگاھىدا بۇ يىل مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن بۇ يەردە ساياھەتچىلەر تېخىمۇ ئاۋۇدى.

  ___ چۈشتىن بۇرۇن ئىككى نەۋرەمنى ئېلىپ شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنى كۆردۇق، مۇسابىقىدىن قايتىپ بۇيەردە تاماق يېيىش ئۈچۈن كەلسەك تېخىمۇ قىزىق مۇسابىقىلەر بۇ يەردىمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىن پېنسىيىگە چىققان تاڭ ۋېندې ئىسىملىك بىرەيلەن ماڭا نېرىدا قار ئادەم ياساۋاتقان ئىككى نەۋرىسىنى كۆرسىتىپ.

  27 - يانۋار چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي ئايلانما يولى قۇرۇق يەل يېمىش سودا بازىرىدىكى 288 - نومۇرلۇق دۇكىنىنىڭ دۇكاندارى شىرئەلى ياسىن تەلەپپۇزىدىن شەرقىي شىماللىقتەك بىرەيلەنگە 20 كلوگىرام ياڭاق، 10 كلوگىرام چىلان ساتتى.

  ___ چاغانلىق بازار تېخى يېتىپ كەلمەيلا بازار ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئالىدىغانلار ئاساسەن ئىچكىرىدىن كەلگەنلەر، نىمە ئىش بولۇپ كەتتىكىن دېسەم ئەسلى بۇلار مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا كەلگەنلەر ئىكەن ئەمەسمۇ،- دېدى شىرئەلى كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا،- ئۇلارغا شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن دانىسى نەچچە كويلۇق «شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى» دىگەن رەڭلىك سۇلياۋ خالتىنى ئېلىشىچە بىكارغا بەردىم، ئالغان يەل - يېمىشنى بۇ خالتىلارغا سېلىپ بەرسە بىرسى ماڭا ئېلان بولىدۇ، يەنە بىرسى شىنجاڭنىڭ ياخشى نامى قالىدۇ، تېخى نەرسىلەرنى ماشىنىسىغىچە ئېلىپ چىقىشىپ بەردىم.

  27- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا خېيلۇڭجياڭدىن كەلگەن ۋاڭ شياۋمياۋ ئىسىملىك بىرەيلەن بىرقانچە قۇرداشلىرى بىلەن چوڭ بازاردىن تۈرلۈك يىپەك ياغلىق ۋە قۇرۇق يەل - يېمىشلارنى سېتىۋالدى.

  ___ بىز خاربىن شەھىرىدىن كەلدۇق. ئىككىمىزنىڭ قىزى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىقتا تېز سۈرئەتتە تېيىلىش تۈرىگە قاتناشقان، بالىلىرىمىزغا ھەمراھ بولغاچ شىنجاڭنى كۆرۈپ باقايلى دەپ كەلدۇق، شىنجاڭ ھەقىيقەتەنمۇ چىرايلىق يەر ئىكەن، بۇ يەردىكىلەر بەكمۇ مېھماندوست، خۇشچىراي ئىكەن، چوڭ بازارنىڭ مىللىي خاسلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەيدانلار تېخىمۇ چىرايلىق، ھەيۋەت ئىكەن، شىنجاڭنىڭ قار شارائىتى بەك ياخشىكەن، ھاۋاسىمۇ بەك سوغۇق ئەمەسكەن، بۇ يەرنى خاربىندىنمۇ ئىسسىقراقمىكىن دېدۇق،- دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 50 ياشلار چامسىدىكى ۋاڭ شياۋمياۋ ئىسىملىك بىرەيلەن ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ،- مۇسابىقىنى كۆرگىلى ھەم شىنجاڭنى سەيلە قىلغىلى بۇدا خاربىندىن كەلگەنلەر خېلى كۆپ، بىزلا 12 ئادەم، بۇ يەردە يەنە خاربىندىن كەلگەن نۇرغۇن تونۇشلارنىمۇ ئۇچراتتۇق.

  شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ بۇ يىل بۇنچە قىزىپ كېتىشىدە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ھەقىيقەتەنمۇ زور. ئالدى بىلەن قار - مۇز ئەسلىھەلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تېز بولدى. شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى، يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ۋە تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتتى ۋە يېڭىلىدى.

  ــــ بۇلتۇردىن باشلاپ بىز مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى مۇسابىقە شارائىتى، ئەلا مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئەسلىدىكى قار تېيىلغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش زالىنى كېڭەيتىپ ياساپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش ۋە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك تېيىلىش رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش ئەسلىھەلىرى ۋە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلىدۇق، 2 مىڭ مېترلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس بىخەتەرلىك تورىنى ئورناتتۇق. يېڭىدىن 9 ئېگىز تاغلىق تېيىلىش ئورنى ياسىدۇق. قار ياساش ئۈسكۈنىسى ۋە بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىدۇق، يېڭىدىن 52 يۈرۈش يۇقىرى ۋولتلىق يورۇتۇش مۇنارى ياسىدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بولدى،- دېدى يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې.

  قار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش، كۆكتە ماھارەت كۆرسىتىش، U شەكىللىك چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، قىشلىق دالىدا چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق ئالتە مۇسابىقە تۈرى ئۆتكۈزۈلىدىغان تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى كۈچەيتتى، مەيدان قۇرۇلۇشىنى يېڭىلىدى، كېڭەيتتى.

  ___ مۇسابىقە تەلىبىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنى كېڭەيتتۇق، تېيىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتۇق، مېدىيا مەركىزىنىڭ ئىچىنى قايتىدىن زىننەتلىدۇق، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زور دەرىجىدە يېڭىلىدۇق،ــــ دېدى شىنجاڭ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى ئېكولوگىيەلىك باغچىسى تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ گوجياڭ.

  بۇلتۇر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانى بولغان شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى قار لەيلىسى شەكلىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان بىر مەنزىرە بولدى. مۇسابىقىنى كۆرگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بلوگلىرىغا مەيدان قۇرۇلۇشلىرى، مۇسابىقە مەشئىلى ئالدىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئىپتىخارلانغان ھالدا يوللاپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ داڭقىنى جاي - جايلارغا تارقاتتى.

  قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپلا قالماستىن، مۇلازىمەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىمۇ چىڭ تۇتۇلدى. ساھىپخانا بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش بىلەن باغلاپ، ئۈنۈملۈك ھالدا شەھەرنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە مۇسابىقە رايونىنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ جەنۇپ، شىمالىدىمۇ قىشلىق ساياھەتچىلىك جانلاندى، نۇرغۇن جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزدى. ھەرخىل دەرىجىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ياسالدى، قاردا ھەيكەل ياساش مۇسابىقىسى، چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايرام كەيپىياتى قويۇقلاشتۇرۇلدى.

  ___ قەشقەردە بۇ يىلقىدەك مۇنداق قېلىن قار ياغقىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، قار يېغىپ قىشلىق ساياھەتمۇ قىزىپ كەتتى، مەن بۇرادەرلىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىمنى ئېلىپ قەشقەردىن 250 كلومېتر نېرىدىكى پوسكامدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا، تاشقورغاندىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلىپ كەلدىم. قىشتا ئۆيدە ئولتۇرىۋەرمەي سىرتلارغىمۇ چىقىپ تۇرساق، ساياھەت قىلغاچ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، چېنىقساق بەدەنگىمۇ ياخشىكەن، ئۆيدىكىلەرمۇ بەك خۇشال بولىدىكەن،- دېدى قەشقەر شەھىرىدىكى داڭلىق خەتتات غۇلامجان قادىر قۇتبىلىگ 26 - يانۋار ئۈندىدارىدا چىقارغان قار تېيىلغاندىكى سۈرەتلىرىنى چۈشەندۈرگەچ تېلىفۇندا ماڭا،- پوسكامنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى سەۋىيەسى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن، بىز قەشقەرلىكلەرمۇ ئۈرۈمچىلىكلەردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ قالدۇق.

  شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى ناھايىتى ئۇزۇن، 10 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى 10 يىل بۇرۇن 900 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋالغان بولسا، ھازىر 24 مىليون ساياھەتچى (قېتىم) غا يەتتى. قىشلىق ساياھەتچىلەر سانى شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل بىر يىلدا كۈتىۋالىدىغان ئومۇمىي ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى. قار - مۇز ساياھىتىنى ئاساس قىلغان قىشلىق ساياھەت شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە 2- چوڭ قىشلىق ساياھىتى چوڭ رايونى بولۇپ قالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر 1 - نويابىردىن بۇ يىل 30 - ئاپرېلغىچە شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى 2015 /-2016 - يىللىق «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرت-ماكاننى سەيلە قىلىش» ئاساسىي تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى يولغا قويۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» قار مۇز بايرىمى، ئالتاي ئۇلۇنگر كۆلىدە بېلىق تۇتۇش بايرىمى، بايىنغولىندا باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇش بايرىمى قاتارلىق 70 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى بايراملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان.

  شىنجاڭ ساياھەت تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر 1 - نويابىردىن باشلاپ «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرت- ماكاننى سەيلە قىلىش» ئاساسىي تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان 2016 - يىلى 15 - يانۋارغىچە ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا ئۆمەك تەشكىللەپ ساياھەتكە كەلگەنلەر سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %42، سىرتتىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى %50 ئاشقان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر