باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 – يىلى شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى 200 مىڭغا كۆپەيتمەكچى

2016.01.28 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016– يىل، شىنجاڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسپلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈر خىزمەت لايىھىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، نېفىت، نېفىت-خىمىيە، ئاليۇمىن پىششىقلاش، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كەسپ سىياسىتىنى چىقىرىپ، كەسىپلەرنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بۇ ساھەدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنى 200 مىڭدىن ئاشۇرماقچى.

  مۇخبىرنىڭ 24-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى شىنجاڭ كەسىپ تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسپلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈدۇ. 2016-يىلى پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ ئېشىشىنى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئارقىدا قالغان ئۈچتىن بەشكىچە كارخانىنى شاللايدۇ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنى بىرىكتۈرۈشنى تاماملاش، پاكىستان بىلەن بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا بۆسۈشنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلات بىلەن خەلقئارا قۇرۇلۇشنى بىللە سىرتقا چىقىرىش، دۆلەتنىڭ ئېتىبارلىق سىياسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 3 مىليون توننا ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەل قىلىدۇ؛ داۋاملىق توقۇمىچىلىق كىيىم – كېچەك كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توقۇلما بۇيۇملار، رەخت، كىيىم -كېچەك تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ بازار ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، «ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش بويىچە تەربىيەلەش خىزمەت لايىھىسى ۋە تەكلىپ»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، بۇ يىل ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتنى باشلاپ، بەش يىل ئىچىدە 200 مىڭ ئادەمنى ئىچكىرىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەيدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر