باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو- پاكىستان چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تۇرۇپ قالغان ماللارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

2016.01.25 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن پاكىستان چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىرلىكتە پاكىستان تەرەپنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇرۇپ قالغان يېڭى بۇيۇم، قىشتىن ئۆتۈشتە جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان 150 يۈك ئاپتوموبىلىغا ۋاقىتلىق چېگرىنى ئېچىپ بېرىپ، بارلىق يۈك ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق چېگرىدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭىشىشى بويىچە، ھەر يىلى 1-دېكابردىن يەنە بىر يىلى 1-ئاپرېلغىچە چېگرا تاقىلىدۇ. پاكىستان تەرەپ ئېلىمىزدە تۇرۇپ قالغان قىشلىق جىددىي كېرەكلىك مالنىڭ جىددىي چېگرادىن ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى، پاكىستان شىمالىي قىسىم رايۇنى بۇ يىلقى كىلىماتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، قىشلاش جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ قىسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ چېگرانى ۋاقىتلىق ئاچقان، چېگرادىن ئۆتىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مېۋە-كۆكتاتلارنى قاچىلىغان، قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ توڭلاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پاكىستان چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن تېلېفوندا « تېز سۈرئەتتە چېگىردىن ئۆتكۈزۈش» تەدبىرىنى مەسلىھەتلىشىپ، قاراۋۇللۇق ۋاقتىدا ۋاقىتلىق چېگىرىدىن ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز تاماملىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن پاكىستان چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى 2015-يىلى كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ چېگرا تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈش ئۈستىدە كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. بۇ قىتىمقى ھەمكارلىق تەدبىرى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ دۆلەت«بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ۋە « جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى»غا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادىسى ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر