باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ھەقسىز ئوقۇغان 380پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ

2016.01.25 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى 23- يانۋار شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى.مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتە پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ كەلگەن شىنجاڭلىق 738نەپەر ھەقسىز ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى ۋە ئاپتونوم رايون پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق پىداگوگىكا مەكتىپىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 2015 -يىلىدىكىدىن 109نەپەر كۆپەيگەن بۇلۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى، فـىـزىكـا، بالىلار مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىق 20نەچچە خىل پەن تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەقسىز پېداگوگىكا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا يېشىل يول ئېچىپ بەرگەن. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان،2814نەپەر شىنجاڭلىق مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، تېزلىكتە شۇ جاينىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر