باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى 2015 ـ يىلى خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش دېلوسىدىن يۈزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2016.01.22 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:20-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شى شىنلى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى دولقۇن ئابدۇرېھىم تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلدى .

  شى شىنلى سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىد ، ئۆتكەن يىلى، ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 71684 تۈرلۈك دېلونى قوبۇل قىلىپ، 62311 دېلونى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 14692 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 13453 دېلونى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يىڭى بىر يىلىدا، قانۇن بويىچە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى، پۇقرا، قانۇنىي شەخسى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداپ، بازارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىيە شتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى. سوت سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر