باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسىدە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2016.01.14 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ) يوپۇرغا ناھىيەسى بۇلتۇر تەكشى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، 2900 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت ئاتلىماي ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  يوپۇرغا ناھىيەسى بۇلتۇر مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى قوللاش جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز جانلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 22 مىليون 390 مىڭ يۈەن تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى بۇ تۈردىن ئۆز ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، مەھسۇلات تۈرلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئەمگەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

  يوپۇرغا ناھىيەسىگە 2013-يىلى 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق «شىنيۆ» پاختا توقۇمىچىلىق شىركىتى بۇلتۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 8 مىليون يۈەن تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ياردىمىگە ئېرىشكەن ۋە 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان چولپان كارخانىغا ئايلاندى. بۇلتۇر 3-ئايدىن بۇيان يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇرغا يېزا قارا ئۈجمە كەنتىدىن بۇ كارخانىغا ئەر-ئايال كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: زاۋۇت بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى يېقىن، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىمىز ياخشى، ئىش ھەققى تەمىناتىمىز ئوبدان. شۇڭا ئەر-ئايال ئىككىمىز تىرىشىپ ئۇزۇن مەزگىل، مۇقىم ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا بەل باغلىدۇق.

  2012-يىلى 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان قەشقەر «جېڭياڭ» پاختا توقۇمىچىلىق شىركىتى، 2013-يىلى700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان شىنجاڭ «گۇاڭدا» غەربىي يۇرت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھازىرغا قەدەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەرلىكتىن 300 دىن ئارتۇق ۋە 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىش ئورنى مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا ئايلاندى. بۇلتۇر 4-ئايدىن بۇيان بۇ ناھىيەنىڭ تېرىم بازار موغال كەنتىدىن كېلىپ «جېڭياڭ» پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مېھرىگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: زاۋۇتنىڭ ئىش ئورنى شارائىتى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى ناھايىتى ياخشى، ئايلىق ئىش ھەققىم 2800 يۈەندىن ئاشىدۇ. شۇڭا خاتىرجەم ئىشلەۋاتىمەن.

  يوپۇرغا ناھىيەسىدە بۇلتۇردىن بۇيان 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ «مىڭكادەن» توقۇمىچىلىق كارخانىسى، شىنجاڭ «غەربىي دىيار تۆگىسى» كىيىم-كېچەك كارخانىسى ، «مېڭمىن» كىيىم-كېچەك كارخانىسى ۋە يوپۇرغا «ئاق كەپتەر» گىلەمچىلىك كارخانىسى قاتارلىق كارخانىلارمۇ دەسلەپكى قەدەمدە 1500 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر