باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سايباغ يېزىسىدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىش پەسىللىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى

2016.01.14 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن، ئىلغار ئېلىمەردان خەۋىرى) يېڭى يىل باشلىنىش بىلەن تەڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى سايباغ يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنى قىش پەسىللىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزىلىدىغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۈتۈۋالدى.

  1-ئاينىڭ 12- كۈنى سايباغ يېزىسىنىڭ «يېڭى مەھەللىسى» قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. شۇ كۈنى يېزا تەۋەسىدىكى ئەر- ئايال، قېرى ياش بولۇپ 5000 دىن ئارتۇق دېھقان چارۋىچىلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  تەنتەربىيە پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا سايباغ يېزىسىدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى خەلق تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىش تەرەققىياتلارنى ناخشا-قوشاق ئارقىلىق كۈيلىدى، قىزىقارلىق ئېتۇت، كۈلدۈرگە نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بۇ بەختىيار زامانغا مەدھىيە ئوقۇدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تەنتەنە قىلدى.

  سايباغ يېزىسىنىڭ بۇ قېتىمقى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتىدە ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ يېزا تەۋەسىدىكى 550كە يېقىن دېھقان- چارۋىچى ئەر، ئاياللار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئارقان تارتىشىش، قوچقار سۇقۇشتۇرۇش، خوراز سۇقۇشتۇرۇش، چېلىشىش، ئىت تالاشتۇرۇش، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈرگە قاتناشتى.

  قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزىسىنىڭ دۇتار كەنتىدىن مەمىتىمىن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سايباغ يېزىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ خوراز سۇقۇشتۇرۇش، ئارغامچا تارتىشىشى، خەلق سەنئەتكارلار ئويۇن قۇيۇش قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىز ئىنتايىن خوش بولدۇق، ھەر قايسى ئويۇن تۈرلىرى يەرلىك تەنتەربىيە پائالىيىتى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن».

  قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا كامپا كەنتىدىن ئېزىز مەتنىياز مۇنداق دېدى :«قوچقار سۇقۇشتۇرۇش بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان پائالىيەت ئىدى، پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىز بۇ ياخشى پائالىيەتنى تەشكىللىگەندىن كېيىن بىز بۇنىڭغا ئائىلىدىكى ھەممىمىز قاتناشتۇق، بەك خۇشال بولدۇق».

  ھەر يىلى قىش كېلىشى بىلەن تەڭ سايباغ يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ھەۋەسكارلارنى تەشكىللەپ خەلق ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت تۈزۈملەرنى تەشۋىقات قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەبىيلىككە قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ خىل مەزمۇندا كەنت- مەھەللىلەردە 83 مەيدان ئويۇن قۇيدى، ئىككى قېتىم دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت پائالىيىتى تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقىسى بولسا سايباغ يېزىسىنىڭ 2016- يىللىق تەشۋىقات، مەدەنىيەت پائالىيەتنىڭ تۇنجى باشلىنىش ئىدى. يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت -تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى بېكىتتى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر