- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش ئاساسى قاتلام مەدەنىيەت خىزمىتى تەربىيەلەش كۇرسى ئىچىلدى
2016.01.14 17:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق پارتكومدىن نۇرمۇھەممەد توختى خەۋىرى) ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك 4-،5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى باشلامچى قىلىشنىڭ يېتەكچى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھىرىمىزدىكى ئاساسى قاتلام مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسى قاتلام مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدا «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش ئاساسى قاتلام مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى .
كۇرستا شەھەرلىك شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، مەدەنىيەت پونكىتنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بېكىتىش، كۇتۇپخانىنى باشقۇرۇش ۋە كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن دەرس ئۆتۈپ، كۇرسقا قاتناشقان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى، كەنت مەدەنىيەت ئۆينى باشقۇرغۇچى خادىملار، دېھقانلار كىتاب ھۇجرىسىنى باشقۇرغۇچى خادىملار بولۇپ 70 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى يۇقىرى كۆتۈردى .
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر