باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىغىن روھىنى ئۆگىنىش- چاقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قورۇش، ھالقىما تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

2016.01.14 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چاقىلىق ناھىيە تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ھەسەن يۈسۈپ خەۋىرى) چاقىلىق ناھىيەسى 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 10-ئومۇمىي ئەزالار يىغىنى ۋە ئوبلاستلىق پارتكوم 9-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چاقىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 900دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى، كادىرلار ئوبلاستلىق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدا 2016-يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئىشەنچ، رازىمەنلىك ۋە قەتئىي ئىرادە چاقناپ تۇراتتى. لېكسىيەدە پارتىيەمىزنىڭ 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى،ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك 10-ئومۇمىي يىغىن روھى، ئوبلاستلىق پارتكوم 9-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىن روھى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۈچ يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، روھى-ماھىيىتى، خەلققە ئېلىپ كېلىدىغان تەرەققىيات مېۋىلىرى جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىندى. ئوبلاستىمىزنىڭ 13-بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى، يىغىن روھىنىڭ ئوبلاست -چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى سۆزلەنگەندە زالنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى.

  لېكسىيە ئاڭلىغان ئامما بىردەك بۇ قېتىملىق لېكسىيە2016-يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاشتىكى ۋە چاقىلىق ناھىيەمىزنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان-ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك تاماملاشقا ئاساس سالغان ياخشى لېكسىيە بولدى دەپ قاراشتى. چاقىلىق ناھىيە مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غالىب روزى مۇنداق دېدى: مەركەز 18-قېتىملىق 5-ئومۇمىي يىغىن روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك 10-ئومۇمىي يىغىن قارالمىلىرى ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ 9-قېتىملىق 6-ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىلىق ناھىيەمىزنىڭ 2016 -يىللىق تەرەققىياتىنى يېڭى ھاياتى كۈچ بىلەن تەمىن ئەتتى، بىز يىغىن روھىنى كۆز ئالدىمىزدىكى خىزمەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزنى ئوبلاست بويىچە ھالقىما تەرەققىياتنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قورۇشنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرغان ناھىيە قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشىمىز.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر