باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى ئېچىلدى

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

2016.01.13 09:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى 11 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 500 نەچچە ۋەكىلى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ يىغىنغا قاتناشتى، يىغىندا ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نەيىم ياسىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئەسقەر تۇرسۇن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 بولۇپ، 11 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 508 ۋەكىل قاتناشتى. بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دا، جاڭ چۈنشيەن مۇنداق جاكارلىدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى باشلاندى! ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلايلى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. «دوكلات» ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى «12 - بەش يىل»دا ۋە 2015 - يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ئەسلىمىسى؛ ئىككىنچى قىسمى «13 - بەش يىل» دىكى نىشان - ۋەزىپىلەر؛ ئۈچىنچى قىسمى 2016 - يىلى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن ئىبارەت.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: «12 - بەش يىل» شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل بولدى؛ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى قەدەم باستۇق، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچىمىزنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزدۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا يېڭىچە ئىلگىرىلىدۇق، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتۇق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت ئىشىدا تىرىشچان، پاك بولۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات ياراتتۇق. «12 - بەش يىل»دا ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشۇردۇق، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمىزنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بەش يىلدىن بۇرۇنقى 543 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 940 مىليارد يۈەن ئۆپچۆرىسىگە يېتىپ، يىلىغا %10.7تىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە؛ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق، نېفىتتىن باشقا سانائەتنىڭ نىسبىتىنى %60تىن ئاشۇرۇپ، نېفىت سانائىتى مۇتلەق زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتتۇق، 3 - كەسىپنىڭ نىسبىتىنى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان 2 - كەسىپنىڭكىدىن تۇنجى قېتىم ئاشۇردۇق؛ ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئۇنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق، بۇ بەش يىلدىكى ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 3 تىرىليون 960 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدۇق، بۇ، «11 - بەش يىل»دىكىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدۇق، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردۇق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق پائالىيەتلىرىنى ئىجادىي يوسۇندا قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئاجرىتىلغان چىقىمىنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %70تىن ئاشۇردۇق، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12.7تىن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13.6تىن ئاشۇرۇپ، ئېشىش سۈرئىتىنى ئۇدا بەش يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزدۇق؛ ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇردۇق، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق، شەھەر، يېزىلار بىر تۇتاش پىلانلانغان، ئومۇمىي خەلق بەھرىمەن بولالايدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورناتتۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈشنى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىن بىر يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردۇق.شۆھرەت زاكىر مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن 2015 - يىلىدا ئىشلەنگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى. 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن %8.6تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 1 تىرىليون 72 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، %10 ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 12 - بەش يىللىق ئومۇمىي پىلاننىڭ غەلىبىلىك ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. 2015 - يىلىدا بىز ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ، «داغدۇغىلىق، قىزغىن، بىخەتەر، ئىناق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش» نىشانىغا يەتتۇق، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىش» ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدۇق.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا بەزى تەڭپۇڭسىزلىق، ماسلاشماسلىق، سىجىل بولماسلىق مەسىلىلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت، بىز دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.

  شۆھرەت زاكىر «13 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلايمىز، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە %7 ئەتراپىدا ئاشۇرىمىز، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەنلىتىۋەتمەيمىز؛ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز، نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرىمىز، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىمىز؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بارلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىمىز؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلايمىز؛ تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىمىز.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىرىك پىلاندىكى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ چوڭ - چوڭ ھۆكۈمى، تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىشىمىز زۆرۈر. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈزۈلمە رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ ماس تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماسلاشما تەرەققىياتتا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاجىز ساھەلەرنىڭ ئۇزاققا چىداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى، پىرىنسىپى، نىشانىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشىمىز؛ ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىشىشىمىز؛ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىل. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 2016 - يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %12 ئەتراپىدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى%10، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %6، ئادەتتىكى جامائەت مالىيەسىنىڭ خامچوت كىرىمىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرىمىز؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەيمىز؛ شەھەر - بازارلاردا 440 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز؛ شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەيمىز؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى 11.6پىرسەنت پوئېنت ئىچىدە تىزگىنلەيمىز؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەنلەتمەيمىز؛ ئېنېرگىيە، سۇ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر قاتارلىق بايلىقلارنىڭ خورىشى ۋە پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چەكلىمە كۆرسەتكۈچ دائىرىسىدە تىزگىنلەيمىز.

  شۆھرەت زاكىر 2016 - يىلى ئىشلىنىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئون جەھەتتىن ياخشى ئىشلەش ھەققىدە دوكلات بەردى: بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلايمىز؛ ئىككىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛ تۆتىنچىدىن، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز؛ بەشىنچىدىن، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز؛ ئالتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمىز؛ يەتتىنچىدىن، پاكىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز؛ سەككىزىنچىدىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز؛ توققۇزىنچىدىن، بىڭتۈەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز، ئونىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى بېسىپ تارقىتىلىپ، قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇلدى.

  خۇا شىفېي، مەمتىمىن ياسىن، چيەن جى، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، ماۋكەن سېيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، سەمەت مەمەت، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، شۈ ۋېيخۇا، لى شىنمىڭ، سۇڭ خاۋ، ياڭ فۇلىڭ، ئابلىز نىياز، تيەن جيەنرۇڭ، ۋاڭ شىجياڭ، ياڭ خۇڭلى، شۈ جىشىن، گو يۇڭخۇي، ۋاڭ جىلياڭ، چېڭ جياجۇ، يەن فېنشىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر