باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

2016.01.12 13:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەسى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.

  بۇلتۇر بىر يىلدا ناھىيە بويىچە ياشانغاندا بېقىلىش سۇغۇرتىسى ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئادەم سانى61مىڭ(قېتىم) ئادەمگە يەتتى ھەمدە سۇغۇرتا تەمىناتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. تېببىي دورا ئىسلاھاتى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى ، ئۈچ يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى، ئوبوروت ياتىقىنى ھەمدە توققۇز كەنت شىپاخانىسىنى يېڭىدىن سالدى . بۇلتۇر يەنە ناھىيە بويىچە 37 مىڭ 507 ئادەم يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىپ ، قاتنىشىش نىسبىتى %99 كە يەتتى.ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ ،«ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش بازىسى» قۇرۇپ ،763ئىش ئورنى ھازىرلاپ ،شەھەر بازارلاردىكى 1532كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى .شەھەر بازار تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى%1.98 بولدى شەھەر بازاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن679 يۈرۈش ،ئەمىن ئۆيدىن 712يۈرۈش سېلىندى .12مىڭ 642كىشىنى شەھەر يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىپ ،ياردەم مەبلىغىدىن 28مىليون 370مىڭ يۈەن تارقاتتى .1775نەپەر نامرات ۋە مېيىپنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلدى .ئېچىش - يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيە بويىچە 3685ئائىلىدىكى 13مىڭ 187نامرات ئائىلىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ،يۆلەش تۈرىدىن 24نى يولغا قۇيۇپ ،7مىليون510مىڭ يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،1713ئائىلىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر