باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

[ئىككى يىغىن] ئادىل ھوشۇر: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە داردا ماڭىمەن

2016.01.12 13:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجا ئەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئادىل ھوشۇر 11 - يانۋار ماڭا مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا داردا مېڭىپ، دارۋازلىق نومۇرى كۆرسىتىمەن.

  ___ تۇنجى قېتىم ئىشىك ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىنكى قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىياتلار نەتىجىسىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن پۇرسەت، شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى سىرتىغا تېخىمۇ نامايان قىلىدىغان كۆزنەك، شىنجاڭنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش شۇنداقلا كۈچ قوشۇش بولىدۇ. مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باشتا بەك خۇشال بولغانىدىم، بۇلتۇر 25 - دېكابىر مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى ماڭا مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا نومۇر ئورۇنداپ بېرىشىمنى ئېيتقاندا تېخىمۇ خۇشال بولدۇم،- دېدى ئادىل ھوشۇر،- شىنجاڭ خەلقى مېنى تەربىيەلەپ مەملىكەت ھەتتا خەلقئارا سەھنىگە چىقاردى، بۇ قېتىمقى پۇرسەت مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، مەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۆزۈمنىڭ دارۋازلىق ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ياخشى ئاقلايمەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يارىتىمەن.

  ئادىل ھوشۇرنىڭ ئېيتىشىچە مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئۇ ماڭىدىغان دار ئارىلىقى بەك ئۇزۇن بولمىسىمۇ ئۇ ھازىر مەشىقنى كۈچەيتكەن، ھاۋا سوغۇق، شۇنداقلا سىم ئۈستىدە مۇز توڭلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا ئۇنىڭ كىيىدىغان ئايىقىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن، كىيىدىغان كىيىمىمۇ بۇرۇنقى قىزىل رەڭلىك كىيىمى بولماستىن، يېڭىدىن لايىھەلەنگەن قىشلىق دار كىيىمى ئىكەن.

  ئادىل ھوشۇردىن ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل يىل ئىچىدە ئادىل ھوشۇر تەييارلىق قىلىۋاتقىنى سەككىز يىل بولغان تەيۋەن بوغۇزىدىن دار ئۈستىدە مېڭىپ ئۆتۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر