باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ(IOSنۇسخىسى)ئېلان قىلىندى

2016.01.12 13:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(Androidنۇسخىسى) ئېلان قىلغاندىن كېيىن،يەنە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(IOSنۇسخىسى) ئېلان قىلدى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ لىڭيۈن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ يۇمشاق دېتالغا خەنزۇچە پۈتۈن جۈملىنى پىنيىن بىلەن كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى كونۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش، سانلارنى كىرگۈزۈش، تىنىش بەلگىلىرى ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەشغۇلاتى ئاددىي، قوللىنىشچان، تېز ۋە قولاي.

  ھازىر بۇ دېتال رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەقسىز تەمىنلەندى (چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp)، يانفونغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دېتالنى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتۇق، ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك ياخشى باھا بەردى. ئاساسىي قاتلامدىكى خەنزۇ كادىرلار: «يانفونغا يۇمشاق دېتالنى قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ بىلەن خەنزۇچىنىمۇ، ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزگىلى بولىدىكەن، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىز ئۆستى، قىزغىنلىقىمىز ئاشتى» دېيىشتى. بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار بەس-بەستە:«بۇ دېتال ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىغا ئالاقە كۆۋرۈكى سالدى» دېيىشتى. بۇ دېتال يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدىن مېھرىگۈل خېلىل تەرجىمىسى )

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر