باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇايانقى تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلدى ۋە جاۋاب قايتۇرۇلدى

2016.01.11 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئىمىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

  جۈرئەت ئىمىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، پائال تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي 958 تەكلىپ سۇندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 809 تەكلىپ رويخەتكە ئېلىندى. بۇلار ئىچىدە، ئەزالار سۇنغان تەكلىپ 677 پارچىنى، پارتىيە-گۇرۇھلار كوللىكتىپ سۇنغان تەكلىپ 127 پارچىنى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى سۇنغان تەكلىپ بەش پارچىنى ئىگىلەيدىكەن. 2015 –يىلى 31-دېكابرغىچە، بارلىق سۇنۇلغان تەكلىپلەر بېجىرىلگەن، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى% 100 كە يەتكەن. بېجىرىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەل قىلىنغىنى ياكى قوبۇل قىلغىنى 220 پارچە بولۇپ، % 27.2 نى ئىگىلىگەن؛ پىلانغا كىرگۈزۈپ ھەل قىلماقچى ياكى قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ 431 پارچە بولۇپ، % 53.3 نى ئىگىلىگەن؛ خىزمەتنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش بولغان تەكلىپ 158 پارچە بولۇپ، 19.5 % نى ئىگىلىگن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەكلىپ مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك، مەسىلە يۆنىلىشى ئېنىق ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر