باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بىر مىليون 740 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى

2016.01.11 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 -بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چوڭ مۇھىت بەرپا قىلىپ يېتەكلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ تۈرتكە بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ناراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىر مىليون 740مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، نۇقتىلىق نامرات ناھىيەلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرچە ساپ كىرىمى 3543 يۈەندىن 6690 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 17.2 پىرسەنت ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىلىق يارىتىپ مەخسۇس ناراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەشدىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەندىزىسى ئارقىلىق، زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئەسەبىيسىزلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد قارىشى تىكلەشكە، ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەشكە يېتەكلەپ، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان؛ بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن باشلاپ 200 مىڭ ئورگان كادىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق كەنت، مەھەللىنى قاپلىغان، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

  13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامرات نوپۇسنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىشى ۋە تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرچە كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرىدىكى كۆرسەتكۈچنىڭ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىشى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ھازىرقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئىككى مىليون 610مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇشىغا، 35 نۇقتىلىق نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تولۇق چۆرۈپ تاشلىشىغا، 3029 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق تىزىملىكىدىن تولۇق چىكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر