باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2020-يىلىغىچە ئىچكى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى 10 مىڭغا يەتكۈزىدۇ

2016.01.11 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلىشىگە ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ھازىرقى 6800 دىن 10 مىڭغا يەتكۈزىدۇ.

  تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭنىڭغا ياردەم بېرىش 7- قېتىملىق ھەمكارلىق پىلانى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى بىرلىشىپ ئاچتى.

  يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكى جايلاردىكى ئۆلكە ، شەھەرلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئىچكى جايلاردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلىشىگە ياردەم بېرىش بويىچە 2016-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان 7- قېتىملىق ھەمكارلىق پىلانى كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق 96 ئالىي مەكتەپ ۋە 24 ئۆلكە، شەھەرگە قاراشلىق 227 ئالىي مەكتەپنىڭ 2020-يىلغىچە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سانىنى 10 مىڭغا يەتكۈزۈشنى بېكىتتى.

  مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى جۇ جىۋېن مۇنداق دېدى: ئىچكى جايلاردىكى سۈپەتلىك ئالىي مائارىپ بايلىقىغا تولۇق تايىنىپ، شىنجاڭغا زور تۈركۈم ئىختىساسلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلىرى ۋە تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ئىختىساسلىقلار تەربىيىلەپ بېرىلىدۇ.

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق پىلانى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر