باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز 30 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىردىن ئېشىپ كەتتى

2016.01.11 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز 30 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىردىن ئېشىپ كەتتى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 30 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى شەنشىدىن كېيىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 30 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشقان 2-ئۆلكە بولۇپ قالدى.

  بۇ يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىم نېفىتلىكى %78 تۆھپە قوشتى. تارىم نېفىتلىكى نېفىت گاز توشۇش سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى ساۋ شىڭبىڭ مۇنداق دېدى: تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسىي گاز مەنبەسىنىڭ بىرى، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2004-يىلىدىكى 351 مىليون كۇپ مېتىردىن 2015-يىلىدىكى 23 مىليارد 551 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتتى، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى تۆۋەن ئېقىمنىڭ گاز ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا %7.6لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى.

  شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %28نى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزدىكى تەبىئىي گاز بايلىقى جەھەتتە چوڭ رايون، تەبىئىي گازنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېچىشقا تارىختىن بۇرۇن دۆلەت يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 1998-يىلى 9-ئايدا تارىم نېفىت شىركىتى قارا 2-چوڭ گازلىقىنى بايقىدى، بۇ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر