خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى)كۇچا ناھىيەسى يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 7- يانۋار بۇ ناھىيەدىكى 150دىن ئارتۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپ باشقۇرغۇچىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپنى باشقۇرۇش ئىلىمى، مالىيە باشقۇرۇش، كوپىراتىپ باشقۇرۇش قائىدە - تۈرۈملىرى قاتارلىق 10نەچچە تۈر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلىدى.
ئىگىلىنىشچە ، ھەمكارلىق كوپىراتىپ باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 8- يانۋار ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ كۇرسىنىڭ ئېچىلىشى ھەمكارلىق كوپىراتىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ كوپىراتىپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن .
سۈرەتتە: 7- دېكابىر ھەمكارلىق كوپىراتىپ باشقۇرغۇچىلىرى دەرس ئاڭلىماقتا.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى