قۇمۇلدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى شامال- قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى
2016.01.07 14:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
سۈرەتتە: 1- يانۋار تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلغان شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قۇمۇل يەندۈن شامال- قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كۆرۈنۈشى.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن قۇمۇلدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى شامال- قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى − شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قۇمۇل يەندۈن 300 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال- قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش تۈرى پۈتۈپ، تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى. بۇ تۈردە شامال ئېلېكتىرى، قۇياش ئېلېكتىرى، ئوت ئېلېكتىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇمۇل - جېڭجۇ 800± كىلوۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئارقىلىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر