خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يېڭىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلمۇرات ئەنۋەر خەۋىرى فوتوسى) يېڭىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تېببىي تەكشۈرۈش بۆلۈمى، پەرۋىش بۆلۈمى، ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بۆلۈمى، ئۇچۇر بۆلۈمىدىن 20خادىم تەشكىللىنىپ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئۈسكۈنە، ماددىي ئەشيا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە دورا قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دوختۇرخانىدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭ ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر داۋالاش خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش، لىفىت ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، ئوكسىگىن ئىشلىتىش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق نۇقتىلانى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان ھامان دەرھال تۈزىتىش، يوشۇرۇن خەۋپ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاغان مەزگىلدىكى دوختۇرخانا خىزمىتىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇرخانىدا ساقلانغان بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر داۋالاش خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە بىمارلارنىڭ بىخەتەر، ئىناق بولغان بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
سۈرەتتە: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خادىملارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەكشۈرمەكتە.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى