باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شايارناھىيەسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولماقتا

2016.01.06 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تاھىرجان نىياز خەۋىرى) شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ناھىيەدىكى ئالتە نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسىغا ئاپتونوم رايون 2015-يىلىغا قارىتا بەرگەن 4800يۈەندىن، جەمئىي 28مىڭ 800يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى تارقىتىپ بەردى. قىزىل بايراق بازىرىدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى ئىمىن ئىمىر ئىككىنچى ئەۋلات سىرچى ۋە نەققاش بولۇپ، 2015-يىلى سىردا رەسىم سىزىش ھۈنىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋارىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر يىللىق 4500يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئېلىپ، خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىز ھۈنەرۋەنلەرنى قەدىرلەپ، مەخسۇس تولۇقلىما پۇلى بەردى، مەن بەك تەسىرلەندىم. مەن كەسپىمنى تېخىمۇ قەدىرلەپ ھەم يېڭىلىق يارىتىپ، شۇنداقلا شاگىرت تەربىيەلەپ، ناھىيەمىزنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن».

  ئىگىلىنىشچە، بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرىنى بېكىتىش، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋە ۋارىسلىرىنى يۇقىرىغا ئىلتىماس قىلىپ تۈرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ خىزمەتتە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرغىچە توپلاپ رەتلەنگەن غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى « شايار قەلەمتۇرىچى ياساش ھۈنىرى»، «شايار قاراكۆل قويى كۆرپە تۇمىقى تىكىش ھۈنىرى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ بورا توقۇش ھۈنىرى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھارۋا جابدۇقى ياساش ھۈنىرى»، «شايار ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېلىق تۇتۇش ھۈنىرى» قاتارلىق 99خىل بولۇپ، بۇنىڭدىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگىنى بىر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگىنى يەتتە، ۋارىسى ئالتە، ۋىلايەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگىنى ۋە ۋارىسى 16، ناھىيە دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگىنى ۋە ۋارىسى 75كە يەتكەن. ناھىيە 2014-يىلدىن باشلاپ مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى ئىچىدىكى كەسپىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان ھەم شاگىرت تەربىيەلەۋاتقان 10نەپەر ۋارىسقا يىلدا 1200يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇپ، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرىغا ئىلھام بەردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر