باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

2016.01.06 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدىن راھىلە توختى) كۇچا ناھىيەسى نۆۋەتتىكى يېزا خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىپ، بالدۇر ھەرىكەتلىنىش، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىدە قار ئاز يېغىپ، دەريا–ئېقىنلارنىڭ سۈيى ئىلگىرىكى يىللارنىڭكىدىن %35ئەتراپىدا ئازىيىپ كەتتى. سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ ئالدىن كۆزىتىپ بېكىتىشىچە، ناھىيە بويىچە بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كەملەيدىغان ئومۇمىي سۇنىڭ 100مىليون 975مىڭ كۇپ مېتىرغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئېرىق–ئۆستەڭلەردىكى لاي–لاتقىلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، 298كۆز قۇدۇقنى ئومۇمىيۈزلۈك رېمونت قىلىپ، ئېقىن سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىدىن تەڭ پايدىلىنىپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇشقا تىرىشتى. سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ تەقسىم قىلىش–ئىشلىتىشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ، «مۇناسىۋەت سۈيى»نى چەكلەيدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈردى. 2800مو تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى قوللانغان ئېتىزلارنىڭ تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئۈسكۈنلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمنى ئۆستۈردى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر