باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 2015-يىللىق يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4مىليارد 573مىليون يۈەنگە يەتتى

2016.01.06 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى رىقابەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنى يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، جاپا مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ۋە ئەبەدىي ئەمىن بولغان يېڭى نورمال ھالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

  2015-يىلى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4مىليارد 573مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.9% ئاشتى. ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 3مىليارد 7مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.49% ئاشتى. يەرلىك مالىيە ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 190مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15% ئاشتى. شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمى 23395يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 12591يۈەنگە يەتتى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر