باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى

2016.01.06 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيىلىك خەلق بانكىسىدىن راھىلە توختى) كۇچا ناھىيەسى يېقىندىن بۇيان كادىرلار ئاۋام ئارىسىغا بېرىپ ئاۋامنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش، ئەھۋالىنى ئىگىلەش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، قىيىن مەسىلىلەر ۋە ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى مايىللاشتۇردى.

  ئاممىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، تارماقنىڭ، شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم بىلىش ئەرزىيەت خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە، ئاممىغا ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ دەرد – ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىلا، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق تەلىپىنى، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، – دېدى كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ھەسەنجان ئەخمەت.

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، كۇچا ناھىيەسى يەنە 100كۈنلۈك زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىڭدىن كۆپرەك كادىرنى كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، خەلقنىڭ دەرد – ھالىنى ئېيتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەشكىللىدى. ھازىرغىچە، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار 18مىڭ 367ئائىلىنى زىيارەت قىلدى، زىيارەت قىلىش نىسبىتى %85كە يەتتى. كادىرلار بۇ جەرياندا جەمئىيەت، خەلق رايىغا دائىر 1593ئەھۋالنى ئېنىقلىدى، 910ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلدى، 309مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تارقاتتى. ئىنكاس كۈچلۈك بولغان، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى، مەسىلەن: قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ناھىيە يەنە بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، مەسىلىلەرنى سىياسەت قاتلىمىدىن ھەل قىلدى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر