- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە پورتىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىققان يولۇچىلار ئېقىمى مىقدارى بىر مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى
2016.01.04 14:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015-يىلى 30-دېكابر سائەت 16 دە، ئۈرۈمچىدە دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومدا، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى ئۈرۈمچى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى چېگرادىن كىرىپ-چىققان بىر مىليونچى يولۇچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە پورتىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىققان يولۇچىلار ئېقىمى مىقدارى بىر مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېقىندىن بېرى، شىنجاڭنىڭ سىرىتقا قارىتىلغان ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە پاسپورت بېجىرىش تەرتىپىنىڭ ئاددىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي تەكشۈرۈلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان 9120 قېتىم، چېگرادىن كىرىپ-چىققانلارنىڭ سانى بىر مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15 ۋە % 17 ئۆسۈپ تارىختىكى يېڭى رىكورت يارىتىلغان. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى 18 دۆلەت ۋە رايونغا بىۋاستە ئۇچىدىغان 32 ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ – چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر