باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن گۇاڭشىغا بىۋاسىتە بارىدىغان يولۇچىلار پويىزى 10-يانۋاردىن باشلاپ قاتنايدۇ

2016.01.04 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن نەننىڭغا قاتنايدىغان T284/1قېتىملىق پويىز ۋە نەننىڭدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان T282/3 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى 2016-يىلى 10-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي قاتنايدۇ. بۇ شىنجاڭ بىلەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ئارىسىدا بىۋاستە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى يوق بولۇش تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى ئېچىلغان بۇ لىنىيەنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن نەننىڭغا بارىدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچى پويىزى4-يانۋار سائەت 9 : 30دىن باشلاپ بېلەت سېتىلىدۇ. پويىز چېگرا شەھىرى ئۈرۈمچىدىن چىقىپ جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى قاتارلىق 7 ئۆلكە رايوننى بېسىپ ئۆتىدۇ. يولدا ئاساسلىق لەنجۇ، شىئەن، شىياڭياڭ، جىڭمېن، جاڭجياجې، ليۇجۇ، نەننىڭ قاتارلىق 35 ۋوگزالدا توختايدۇ، ئومۇمىي مۇساپە 4608 كىلومېتىر كېلىدۇ. (مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر