باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى جەزمەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر قاراقاش ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.12.31 11:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 28 – دېكابىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى تەلىپىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى جەزمەن قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  قىسقىغىنە بىر كۈندە، شۆھرەت زاكىر قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى، توخۇلا يېزىسى ۋە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا بېرىپ، خوتەن ۋىلايىتى، بولۇپمۇ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ۋە شۇ جاينىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  شۆھرەت زاكىر ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا زاۋا بازىرىنىڭ جايتېرەك كەنتىدىكى نامرات دېھقان سۇبۇر دىمىن ۋە سىراجىئەخمەت باراتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز نامرات ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى، مەركەز 2020 – يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلار ۋە نامرات نوپۇسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىلەرنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ساقلاپ تۇرماي، يۆلىنىۋالماي، ئىككى قولغا تايىنىپ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سۇبۇر دىمىن ۋە سىراجىئەخمەت بارات پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىپ: تىرىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىمىزنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلايمىز، دېدى.

  بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قىسمەن يېزا، بازارلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان، زاۋا بازىرىنىڭ تېرەكئايلا كەنتى يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئاپەتتىن كېيىن، بازارلىق پارتكوم يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەسلىدىكى ئۆي ئورنىغا يېڭى ئۆي سېلىپ بەرگەن. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. شۆھرەت زاكىر ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقان ئەلى ئەمەرنىڭ يېڭىلا كۆچۈپ كىرگەن 90 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىۋاتىدۇ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىڭلارنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شۆھرەت زاكىر خوتەن ۋىلايىتى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل شىنجاڭ مەملىكەت بىلەن تەڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا قەدەم قويىدىغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. شۇڭا ۋەزىيەتنى تونۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹13 – بەش يىل›› بولۇپمۇ كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلىشىمىز؛ ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› بويىچە نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش پىلانىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەركەز بېكىتكەن يۆلەش – ئېچىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىشىمىز؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مائارىپنى داۋاملىق مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى ۋە ئاساسى قىلىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر خوتەندىكى مەزگىلدە، قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى، قاراقاش ناھىيە بالىم سودا چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر