باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى

خىزمەتلەر يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىندى، تەكىتلەندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2015.12.31 11:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 28 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋېلىش، تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تەپسىلىي سەپەرۋەر قىلدى، تەكىتلىدى، ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئورۇنلار، تارماقلار كۈتۈۋېلىش، تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈتۈۋېلىش ۋە تەشۋىقات لايىھەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ئۈنۈملۈك ئىشلىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، تەشكىلىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ھەقىقىي سىناق. شۇڭا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى توپلاپ، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەلىك، ئىناق، بىخەتەر، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» كاتتا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش كېرەك. قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم كۆزنەكتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، يارقىن ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن شىنجاڭغا يۆتكىلىشى دۆلەتنىڭ «شىمالنىڭ قار - مۇز پائالىيىتىنى جەنۇبقا يۆتكەش، غەربكە كېڭەيتىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م گە مەدەت بېرىدىغان بىر قېتىملىق ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزىدىغان مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچى ۋە مەدىتىنى، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيلىك دەرىجىسى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا مەرىكە، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كەسپى، بولۇپمۇ قار - مۇز كەسپى ۋە قىشلىق قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك كۈتۈۋېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئورۇنلار ۋە تارماقلار «بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئايرىم - ئايرىم كۈتۈۋېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاساسلىق رەھبەرلەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى مۇھىم ۋەزىپە ھەم شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى بىلىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك. خەلقئارا ئۆلچەمدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، «مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش، مەسىلە كۆرۈلمەسلىك، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئاخبارات تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىقات ۋە خەۋەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات مەزمۇنىنى بېيىتىش ئۈچۈن كۈچىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، قوللىشى، ئۇنىڭغا قاتنىشىشى، مۇلازىمەت قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىجتىمائىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى، بولۇپمۇ ئىككى مۇسابىقە رايونىدىكى ۋە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنى ئاڭلىق ھالدا ياخشى ساھىبخانا بولۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەدەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر