- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خوتەندە 10مىڭ كىشى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈپ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى
2015.12.28 16:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 26 كۈن قالدى. 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئامما 25 – دېكابىر خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىغا يىغىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، 10 مىڭ كىشى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش شۇنداقلا مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئامما مۇسابىقىگە ئاتلاندى، ھەيۋەتلىك قوشۇننى كۆرگەن نۇرغۇن كىشى قەدىمىنى توختىتپ ئالقىشلىدى. خوتەن ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جېنرۇ: يەنە 20 نەچچە كۈندىن كېيىن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ، مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈنلەردە 10 مىڭ كىشىلىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى ھەم ‹‹خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش، مەملىكەتلىك 2016 – يىلنى كۈتۈۋېلىش ئېگىزگە يامىشىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى›› دېگەن لوزۇنكىغا ئىمزا قويدى.
خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىنىڭ ئاھالىسى ئەمەرجان مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن ھەممىمىز ناھايىتى خوشال بولدۇق، 10 مىڭ كىشىلىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىمىز!
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئېگىزگە يامىشىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى پەن جېڭيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا قورغاس، كۆكتوقاي، خوتەن شۇنداقلا ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا مەملىكەتلىك 2016 – يىلنى كۈتۈۋېلىش ئېگىزگە يامىشىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقى ۋە تەخىرسىزلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر