باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا %40 يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى توردا توك تارقىتالمايۋاتىدۇ

2015.12.21 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ توكقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، قىشتا ئوت ئېلېكتىرى بىلەن ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىستىمالى ئارسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، 12-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تەخمىنەن %40 يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى توردا توك تارقىتالمىدى. ھازىر شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە گېنراتورلار سىغىمچانلىقى 15 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، 2014-يىلىدىكىدىن %28.4 ئاشتى. تېخنىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا، شامال ۋە فوتو ئېلېكتىرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەر ھاۋا رايى سەۋەبلىك مۇقىم بولالمىدى، ئېلېكتىر تورىنىڭ نورمال توك تارقىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوت ئېلېكتىرى ئىشلىتىلدى. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېرمو ئېلېكتىرىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاممىۋىي ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى مۇقىم توك تەمىناتى بىلەن ئىسسىقلىق يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىستىمال قىلىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ تارايتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر