- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى پەردىسى ئېچىلدى
2015.12.15 16:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 37 كۈن قالدى، مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىزچىل ناھايىتى سىرلىق تۈس ئالغان ئىدى. 13-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىش مۇراسىمىدا نومۇر ئورۇنلايدىغان 450 ئارتىس ۋە خادىم 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ تۇنجى پەردىسىنى ئاچتى.
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا 50 مىنۇت ئەتراپىدا نومۇر ئورۇنلىنىدىكەن، ئېچىلىش مۇراسىمى ‹‹قار-مۇزدىن ھالقىش››، ‹‹قار-مۇزدىكى قىسمەت››، ‹‹تەڭرىتاغقا مۇھەببەت››، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ۋە ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى يىپەك يولى›› دىن ئىبارەت بەش سەھىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 600 دىن ئارتۇق ئارتىس ۋە خادىم قاتنىشىدىكەن.
سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رېژىسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۇسسۇل ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭگې رېپېتىتسىيەنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپىنى تونۇشتۇردى، يەنى 31-دېكابىرغىچە قىسمەن سەھىپىلەرنىڭ بىرلەشمە رېپېتىتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 22-دېكابىر، 23-دېكابىر سەھنە دېكوراتسىيەسى، چىراغ، ئاۋاز، كۆرۈنۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەر مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، 2016-يىلى 2-يانۋاردىن 10-يانۋارغىچە ئىنچىكە نۇقتىلار پىششىق ئىگىلىنىدىكەن، 11-يانۋاردىن ئېچىلىش مۇراسىمىغىچە كۆپ قېتىم رېپېتىتسىيە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. رېپېتىتسىيەنىڭ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نومۇرلارمۇ بارا-بارا سىرلىق پەردىسىنى ئېچىشقا باشلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر