- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قەھرىتان سوغۇقتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئايال ساقچى
2015.12.15 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوخشاش مەزگىلدە ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق قار ياغدى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدىمۇ قار يېغىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە قاتناش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى، بارلىق قاتناش ساقچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلدى. دۆربىلجىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئايال قاتناش ساقچىسى ۋاڭ مېڭيۈەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنلا ساقچى بولۇش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆربىلجىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش-مۇداپىئەلىنىش چوڭ ئەترىتىدە ياردەمچى ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. يېڭى خىزمەتكە قاتناشقان مەزگىلدە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كوچىلارغا چىقىپ، ھەر كۈنى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە خەلق ساقچىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، قاتتىق سوغۇققا قارىماي، ھەر قايسى يول بۆلەكلىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر