باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2015.12.14 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

  جاڭ چۈنشيەن، مېڭ جيەنجۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى گو شېڭكۈن، جۇ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 11 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سوراپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئامما، سىياسىي – قانۇن كادىرلىرى ۋە ساقچىلار، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرىگە سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ھال سوراشتا بىرگە بولدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش ، سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  جاڭ چۈنشيەن، مېڭ جيەنجۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى سورىدى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتىن باش تارتماي، خەلققە زور تۆھپە قوشتى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، ئۇلار مەڭگۈ قەلبىمىزدىكى قەھرىمان، ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ. مېڭ جيەنجۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئاتىسى، ئانىسى، خوتۇنى، قىزى، ئاكىسى. سىلەر قېرىندىشىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى تارتتىڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش قايغۇرىمىز. مەمەتجان توخنىياز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ تېررورچىلار تۇتقۇن قىلىۋالغان چارۋىچىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا بۆسۈپ كىرىپ بەختكە قارشى قۇربان بولغان. مېڭ جيەنجۇ مەمەتجاننىڭ خوتۇنىغا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ئېرىڭىز تولىمۇ باتۇر بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانە جاسارىتى تولۇق نامايان بولدى. مېڭ جيەنجۇ مەمەتجاننىڭ قىزىنى قەيسەر بولۇپ، ئانىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى تاپىلىدى. مېڭ جيەنجۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەمدى قايغۇرماي، ياخشى خىزمەت قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار قۇربان بولغان بولسىمۇ بارلىق سىياسىي – قانۇن كادىرلىرى، ھەر مىللەت ئامما سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار، ئۇلار سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ.

  ئارقىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹18 – سېنتەبىر››دېلوسى توغرىسىدىكى تەقدىرلەش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. جاڭ چۈنشيەن، مېڭ جيەنجۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ، تەقدىرلەنگەن خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. مېڭ جيەنجۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەپ، شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئامما، سىياسىي – قانۇن كادىرلىرى ۋە ساقچىلار، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورونلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۈەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق گۇرۇھىنى تارمار قىلىپ، دېلو سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگەن بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تەرتىپكە سېلىپ، %98 تىن كۆپرەك زوراۋانلىق، تېررورلۇق گۇرۇھىنى سۇيىقەست پىلانلاش باسقۇچى ۋە ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى تارمار قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. بولۇپمۇ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹18 – سېنتەبىر››دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى، قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئىشتابىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىپ ماسلاشتۇرۇشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئالغا قاراپ قوماندانلىق قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار ئەڭ ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆزى ئاۋانگارت بولۇپ، جايلار، تارماقلار ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرلىشىپ جەڭ قىلىپ، جەڭگە قاتناشقان بارلىق ج خ خەلق ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولۇشتىن قورقماي، ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئېگىز تاغ – جىلغا، قويۇق ئورمانلىق، قەھرىتان سوغۇق قاتارلىق قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالاھىدە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، دېلونى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلدى. بۇ بىر مەيدان ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك ئارىسىدىكى كۈرەشتە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى، سىياسىي – قانۇن كادىرلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھايات – ماماتلىق كەسكىن سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، قان – تەرى ئارقىلىق جەڭ قىلدى. بۇ جەرياندا كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان، كىشىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھام بېرىدىغان قەھرىمان شەخسلەر مەيدانغا كەلدى. تەقدىرلەنگەن خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. ئۇلارنىڭ جىسمىدىن پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاش، ئۆز بۇرچىغا سادىق بولۇش، تىرىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك سىياسىي پەزىلەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خېيىم – خەتەر ئالدىدا قورقماي، زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىشتەك قەھرىمانە جاسارىتى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاخىرغىچە ئادا قىلىش، جاپادىن ۋە تاپا – تەنىلەردىن قورقماي، كۆپچىلىككە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قەھرىمانلىق ئىستىلى مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن. ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئۇل تېشى بولۇشقا ھەقلىق. پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ، مەملىكەت خەلقى ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ. مېڭ جيەنجۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەقدىرلەنگەن خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا كەسكىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ھەر كۈنلۈك خىزمەتنى قېتىرقىنىپ، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، تۈپتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش – تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ھەل قىلغۇچ جەڭ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تەشەبۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش باسقۇچىدىلا بەربات قىلىپ، ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى توسۇش كېرەك. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش فاڭجېنىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك. ئاخبارات ئۇچۇرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق كىشىلەر ۋە نۇقتىلىق ماددىي بۇيۇملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىش كېرەك. بايلىق كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئەھۋال ئاستىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بىرتەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن – تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭنى ياخشى قىلىپ، چېگرا ۋە پورتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى، سىڭىپ كىرىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئۇلۇغ كۈچ ئامما ئارىسىغا يوشۇرۇنغان. خەلقنىڭ ھىمايىسى، قوللىشىنى زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى پولات قورغاننى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ئىجابىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىخ ھالىتىدىلا يىلتىزىدىن يوقىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېررورلۇققا قارشى كۈرەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي جەڭنى ياخشى قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى ھاسىل قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شىنجاڭ بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما، سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى شۇنداقلا قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى يولداشلار چەكسىز روھلىنىپ، چوڭقۇر ئىلھام ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسئۇلىيىتىنىڭ زورلۇقىنى، بۇرچىنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيانقى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچلىرى مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىگە تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال كۈچنى ئىشقا سېلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ئىجتىمائىي خەۋپنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىپ، ئىجتىمائىي توغرا كەيپىياتنى نامايان قىلدى. باي ناھىيەسىدىكى ‹‹18 – سېنتەبىر›› دېلوسىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا، كادىر – ساقچىلىرىمىز خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن پىداكارلىق ۋە مەردانىلىك كۆرسەتتى؛ ئېگىز تىك يار، قەھرىتان سوغۇقتا ج خ قوراللىق ساقچى قىسىم، ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ئاختۇرۇپ كۈرەش قىلدى؛ ئېگىز تاغ ۋە چوڭقۇر جىلغىلار، ئورمانلىقلار كۆپ، يوللىرى تىك تاغلىقلارنىڭ ئىچكىرىسىدە كادىر – ساقچىلار يۈكسەك جەڭگىۋارلىق كۆرسەتتى؛ نەچچە ئون مىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ھاسىل قىلدى. تەقدىرلەنگەن خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، مەغرۇرلانماي يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، قۇربان بولۇشتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا، مۇقىم ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئامىللىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز شۇنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر ۋە كەسكىن. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ‹‹ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز›› دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى بازا ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى قارىشىنى كۈچەيتىپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا قەتئىي قاتتىق قول بولۇپ، ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك پوزىتسىيەسىدە بولماي، ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىشتا، نۇقتىلىق بۆسۈپ ئۆتۈشتە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە، سىياسەتنى ئۇنىۋېرسال يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، كۈچلۈك بولغان ‹‹مەيدان›› ھاسىل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى بېسىملىق، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھالىتىنى ئىزچىل ساقلىشىمىز، شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز، دۈشمەنگە نەپەس ئالغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ساقلىشىمىز؛ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېررورلۇققا قارشى خىزمەت سىستېمىسى ۋە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز ‹‹كەسپىي كۈچ، پەن – تېخنىكا ۋاسىتىسى، خەلق ئۇرۇشى›› نى بىرلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز؛ كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ قوشۇن››نىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹بەش ئاچقۇچ›› تىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق بېسىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ چەكلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى تەڭ باشقۇرۇش›› تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنىڭ تۇراقلىق ھالەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلەپلىرىنى ‹‹بىراق›› لا ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ‹‹ھەممىسى›› نى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز، مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىدا شىنجاڭنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلەش قارارى ئوقۇلدى. تەقدىرلەنگەن ساقچى، قوراللىق ساقچى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە ئامما ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ ھال سوراش پائالىيىتى ۋە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىدىكى 19 تارماقنىڭ مەسئۇل خادىملىرى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

  تەقدىرلەش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى خەن يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېت ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، تەقدىرلەنگەن خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر، سىياسىي – قانۇن سىستېمىسىدىكى ۋەكىللەر قاتناشتى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر