باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىردى

ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى كۆپ جايلار قېلىن قار ۋە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى تارقاتتى

2015.12.11 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ تۇتۇق ئاسمىنىدا قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەشكە باشلىدى. شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ۋە غەرىبى جەنۇبنىڭ ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل قىشتىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىرىدە، 10- دېكابىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 12-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. 13- دېكابىردىن 14- دېكابىرغىچە شەھەر رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن سېلسىيە14گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.

  پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىن قارىغاندا، 9-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ جايلاردا قېلىن قار كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قاتناش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە بوران كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قاتارلىق 33قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، 10-دېكابىر كېچىدىن 13-دېكابىرغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇلنىڭ شىمالى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتېغى بويلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلىرىدا قارا قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا5 ~8سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، ئىلى دەريا ۋادىسى، تارباغاتاي، ئالتاي، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 8 ~10سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىىكەن، قىسمەن رايونلاردا سېلسىيە12گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر