باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

« ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق »لارنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2015.12.11 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەدەنىيلىك تورى ئۇيۇشتۇرغان 2015 – يىلى 11 – ئايلىق « ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن » پائالىيىتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

  شىددەتلىك ئېقىنغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ كىشىنى قۇتقۇزغان چىرا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچى ياردەمچىسى سالام ئابلەت، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاسراندى ئوغلىنى 43يىل باققان قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىسىنىڭ شەرقىي مايساخۇ كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ جۈچاڭ، 20يىل چېگرا رايوننىڭ بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلىغان قابا ناھىيەسى ساربۇلاق بازىرىنىڭ چېگرا مۇھاپىزەتچىسى قادىربېك قاتارلىق 30كىشى « ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق » بولۇپ باھالاندى.

  2015 – يىلى 11 – ئايلىق« ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن » پائالىيىتى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تەڭرىتاغ تورى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيلىك تورىدا باشلانغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، تور ئەھلى 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە جەمئىي 458مىڭ 61بېلەت تاشلىدى. تور ئەھلى بېلەت تاشلاش جەريانىنى « ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق »لاردىن ئۆگىنىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، توردا ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.

  2015 – يىلى 11 – ئايلىق « ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق » بولۇپ باھالانغان 30كىشىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى تور ئەھلى ئارىسىدا قىزغىن بەس – مۇنازىرە قوزغىدى. كۆپچىلىك: ئەتراپىمىزدىكى « ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق »لارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلەشكە، ئىشىنىشكە ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قارىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر