باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار قىرائەتخانىلىرى جانلىنىپ كەتتى

2015.12.09 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ پاختا تىرىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، دېھقانلار دېھقانلار ئارىسالدى دەۋرگە كىردى. نۇرغۇن دېھقانلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە قۇرۇلغان دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىغا كىلىپ، ئۆزىنى ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇردى.

  يېقىندا مۇخبىرلىرىمىز باغتوغراق يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى باغتوغراق كەنتىدىكى 25 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان دېھقان قىرائەتخانىسىدا پەن-تېخىنىكىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا دائىر گېزىت-ژۇرناللار، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخىنىكىسى، ياڭاق، چىلان پەرۋىشىگە دائىر كىتابلارنىڭ موللىقىنى، كىتاپ ئارىيەت ئېلىشقا كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئايىغىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىدىكى يېڭىلىقلاردىن تەسىرلەندى.

  مەمەت ئەخەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بۇلۇپ، پاختىسىنى سېتىپ بولغاندىن كىيىن قوي بېقىشنى ئويلاپ، ئىلمىي باقمىچىلىققا تايىنىپ بېيىش ئارزۇسىدا، بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كەنتنىڭ دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىغا كىلىپ، تېخنىكا ئۈگۈنۈشكە باشلىدى. مۇخبىر:

  -قوي باقمىچىلىقىغا دائىر كىتابلارنى كۆرىۋېىپسىز؟ كىتاب كۆرۈشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟

  -قوي بورداقچىلىقى بىلەن شوغۇللىناي دېگەن، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا قوي بوردىغانغا قارىغاندا، ئىلمىي بورداقچىلىق بىلەن شوغۇللانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن، شۇڭا، بۇ كىتاپنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بورداقچىلىقىنى باشلايمىكىن دەپ، بۇ كىتابنى كۆرىۋاتىمەن.

  باغتوغراق يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى باغتوغراق كەنت ئاھالىسى ھۈسەن داۋۇت مۇنداق دېدى: «شەرق شامىلى» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى بىلەن نۇرغۇن ئېسىل كىتابلار دېھقانلار ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىلدى. مەن تەشكىلگە ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىدىن بىرنى قۇرۇۋالدىم. بوش ۋاقتىم بولسىلا، گېزىت-ژۇرنال، كىتاپ-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. پەن-تېخىنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭدىم. بۇ يىل تېرىغان 60مو يېرىمدىن 150 مىڭ يۈەن كېرىم قىلدىم. مەن ھەقىقەتەن دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.

  ئوقۇشىمىزچە، دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا، بازار، كەنتلىرىدە تولۇق قۇرۇلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تىخنىكسى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، داۋالاش، ساغلاملىقنى ساقلاش، جەمىئەتشۇناسلىق، جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرى، يەرلىك گېزىت-ژۇرناللار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. ئۇندىن باشقا ئۈن سىن بۇيۇملىرى، كۇمپىيۇتىر ،تىلىۋىزۇر، كۇپ ۋاستىلىك پىرۇيىكسىيە ئۇسكىنىلىرى تولۇق سەپلەنگەن دىھقانلار ئائىلە قىرائەتخانسى دىھقانلار ئاممىسىنىڭ «مەدەنىيەت ئامبىرىغا »ئايلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر