باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك ئاجىزلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك

−−ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىزىق نۇقتىلار

2015.12.09 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىيىن ئۆتكەل «ئومۇميۈزلۈك» بولۇش. ئاجىزلىقنى تۈگىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلىقى، ماسلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ھەقىقى يەتكىلى بولىدۇ.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: گەۋدىلىك ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، توسالغۇلارنى يوقىتىپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، دېيىلدى. ئەڭ گەۋدىلىك ئاجىزلىق دەل نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش.

  نامراتلىق ئۆتكىلىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش

  مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020 - يىلىغا بارغاندا 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 35 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە مەركەز بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى.

  بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن ئىبارەت ئەڭ گەۋدىلىك ئاجىزلىقنى تۈگىتىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ما چېڭ: ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، بىزگە پەقەت بەش يىللا ۋاقىت قالدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2014 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالە بولۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %12كە يېقىنلىشىپ قالدى، شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى نامراتلىشىش نىسبىتى %51تىن ئاشقان بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن، دېدى.

  ما چېڭ يەنە: شۇنىڭ بىلەن بىللە، <13 - بەش يىل> مەزگىلىدە نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ساقلىنىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىش كېرەك، دېدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنداپ، ئەڭ گەۋدىلىك ئاجىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى بېكىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، چېگرا رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تاغلىق رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى يۆلەش فاڭجېنى ۋە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تېز ياخشىلاپ، يىرىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.نامرات ئاھالىنى تەلتۆكۈس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: تۈجۈپىلەپ يۆلەش، تۈجۈپىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «كىمنى يۆلەش»، «كىم يۆلەش»، «قانداق يۆلەش»، «نامراتلىقنى قانداق تۈگىتىش» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، نامرات ناھىيەلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، نامراتلارنى تەلتۆكۈس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك، دېيىلدى.

  ما چېڭ: قانچىلىك نامرات بارلىقىنى توغرا ئىگىلەش تۈجۈپىلەپ يۆلەشنىڭ ئاساسى. نامرات ئائىلە ۋە نوپۇسنى كونكرېت ئېنىقلاپ، ئۇلارنى تۈرلەرگە بۆلۈپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك، دېدى.

  نىلقا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ لىشىن: نىلقا ناھىيەسىدە 18 مىڭ نامرات ئاھالە بار، ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 2017 - يىلى ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش نىشانىغا يېتىش قىيىن، دېدى.

  جۇ لىشىن: مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش يۆلەش خىزمىتىدىكى ئاغزاكى چاقىرىق ئەمەس، بەلكى زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچەپ، نامراتلارنى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرمۇ بىر ئېنىقلاپ، نامراتلىق ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس ئىگىلىشىمىز كېرەك، دېدى.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىندى: سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش كېرەك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، نامرات يېزىلاردىكى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى خىزمەت ئورنىدا تەۋرەنمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىغىچە ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتمەي، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ «ئۈچ ئەل»پائالىيىتىدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىدىن، مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا مەركىزىي كومىتېت بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايونمۇ دەرىجىمۇ - دەرىجە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ - دەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى قەتئىي ھەل قىلىش

  «13 - بەش يىل» مەزگىلى يۆلەش - ئېچىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچى.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ «بەش بىر تۈركۈم» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق 1 مىليون 880 مىڭ كىشىنى، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق 200 مىڭ كىشىنى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئارقىلىق 80 مىڭ كىشىنى، مائارىپتا يۆلەش ئارقىلىق 20 مىڭ كىشىنى، تۆۋەن كاپالەت بويىچە تۇرمۇشىغا كېپىل بولۇش ئارقىلىق 430 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

  ھازىرقى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئاھالە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ %58ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى 35 نۇقتىلىق ناھىيەنىڭ 26سى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ %47ىنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئاساسىي جەڭگاھ.

  «ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دېگەن نېمە؟ بۇ بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق دېگەنلىكتۇر». قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى پەرھات تۇردى مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەخمىنەن %60ى نامرات، ھەر يىلى نامراتلارنى ھەسسىلەپ قۇتۇلدۇرغاندىلا، ئاندىن 2020 - يىللىق نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. بىز يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پىلان بويىچە ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز، دېدى.

  ئۈچتۇرپان ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كەيشۇەن: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە «بەش بىر تۈركۈم» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان كەسىپلەرنى يۆلەش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، سۈيى ئاز، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز چەت، نامرات كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈپ، تىرىشىپ ناھىيەمىزنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايمىز، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر