باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى

يىغىن روھىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2015.12.09 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىزمىتىنىڭ بۇرچى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ناھىيە - يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنى پىلانلاش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلانى تەكىتلىدى: 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈشىمىز ۋە ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررولۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش نىزامى، ئائىلە تەربىيەسى، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يەرلىك نىزاملارنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەييارلىق كۆرۈپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئىجابىي تەكلىپ - پىكىرلەرنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر يىللىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز، ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر