باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات دېھقان رەسىملىرى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

2015.12.08 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەل ئىچى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسسام ئىليار سەمەتنىڭ «قېتىق سېتىش» ۋە «قۇملۇقتىكى ناخشا» ناملىق ئىككى پارچە رەسىم ئىجادىيىتى «جۇڭگۇ روھى-جۇڭگو ئارزۇسى» مەملىكەتلىك دىھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسىدە ئايرىم –ئايرىم ھالدا كۈمۈش مىدال ۋە مۇنەۋۋەرئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكى توغرىسىدا خوش خەۋەر كەلدى.

  دولان دىھقانلار رەسىملىرىنىڭ كۆرۈنىشى ئاددىىي، چۈشىنىشلىك، رەڭلىرى ئېنىق، ئوبرازلىرى جانلىق، تەسەۋۋۇرى مول، ئىدىيەسى مەزمۇنلۇق بۇلۇپ، دۇلانلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ–ئادەت ئەھۋالى ئەينەن سۆرەتلەنگەن بولغاچقا، ناھايىتى يۇقۇرى بەدىئى قىممەتكە ئىگە. بۇ قىتىم ماكاپاتقا ئىرىشكەن «قېتىق سېتىش» ناملىق رەسىم دېھقانلار رەسىملىرىدە دائىم قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھەجۋى رەسىم ئۇسلۇبىدا سىزىلغان بولۇپ، سېغىن كالىنىڭ قۇرسىقى ئىچىگە سىزىلغان ئەتلەس كۆينەك كىيىۋالغان قېتىق ساتقۇچى ئايالنىڭ ئوبرازى تەسەۋۋۇر قىلىش كۇچى ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا تۇيۇنغان بۇلۇپ، ئەسەردە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىشچانلىقى، ئەقىل پاراسىتى تۇلۇق نامايەن قىلىنغان.

  «قۇملۇقتىكى ناخشا» ناملىق ئەسەردە دۇلانلىقلارنىڭ ھازىرقى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن، يۇقۇرىغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە تۇرمۇش كارتىنىسى مۇبالىغىلەشتۇرۇلۈپ ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن.

  ئاۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتوتى گۇزەل –سەنئەت كەسپىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئىليار سەمەت بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى بۇلۇپ، ئۇ، كىچىكىدىن تارتىپلا رەسىم سىزىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. رەسىمگە بولغان ئىشتىياق تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كېيىن بىر مەھەل ئۇيىدە بىكار يۇرگەن ئىليار سەمەتنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلدى.«دېھقان رەسساملار يۇرتى»دا رەسىم سېزىش جەريانىدا ئۇستازلىرىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن 2015-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىتېتوتىغا قوبۇل قىلىنىدى.

  ئوقۇشىمىزچە: 4-نۆۋەتلىك «جۇڭگو روھى-جۇڭگو ئارزۇسى» مەملىكەتلىك دىھقانلار رەسىملىرى كۇرگەزمىسى بۇ يىل 28-ئۇكتەبىر جىياڭشى ئۇلكىسىنىڭ ۋەنئەن ناھىيىسى گاۋبېي بازىرى يىتەنبېي دىھقانلار كەنتىدە ئۇتكۇزۇلگەن بۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەر مەملىكەتنىڭ 24 ئۆلكە (شەھەر، ئاپتۇنۇم رايۇنلىرىدىن) تاللىنىپ، تەۋسىيە قىلىنغان 182 پارچە ئەسەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى دۇلان دېھقانلار رەسىملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى «مەدەنىيەتتە كۇچلۇك ناھىيە» بەرپا قىلىش سىتراتىگىيەلىك نىشانىغا كىرگۇزۇپ، بىر قاتار يۇلەپ ياردەم بىرىش سىياسەتلىرىنى يۇلغا قۇيۇپ، دېھقان رەسساملارنى ئىجادىيەت بازىسى بىلەن تەمىنلەپ، «دۇلان دىھقان رەسساملار يۇرتى»نى قۇرۇپ چىقتى. نۆۋەتتە، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيەت قۇشۇنىنىڭ ئەزالىرى 100دىن ئاشقان بۇلۇپ، يىلدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئىجاد قىلىندىغان ئەسەر 1000 پارچىدىن ئېشىپ، 600 پارچىدىن كۇپرەك ئەسەر ئىلگىرى –كىيىن بۇلۇپ مەملىكەت ئىچى سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

  2014-يىلى بۇ ناھىيەدىكى دېھقان رەسسام ئوسمان سايىم ئىجاد قىلغان «دۇلان ۋارىسى» ناملىق ئەسەر «جۇڭگۇ رۇھى-جۇڭگۇ ئارزۇسى» مەملىكەتلىك دىھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشىپ، شىنجاڭدىكى ناھىيەلەر ئىچىدە بىردىن-بىر چۇڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەر بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا بەش پارچە دىھقانلار رەسىمى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇپاكاتقا ئىرىشكەنىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر