خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 7-دېكابر سائەت 15دىن 50 مىنۇت 3 سېكۇنت ئۆتكەندە، تاجىكىستاندا( شىمالىي كەڭلىك 38.2 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 72.9 گرادۇس) 7.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر بولۇپ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى بولغان، نۆۋەتتە يارلىنىش ۋە ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى دوكلاتى تاپشۇرۋېلىنمىغان. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەۋرەش مەركىزىگە بىرقەدەر يېقىن بولغان قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن. قەشقەر شەھىرىدىكى ۋاڭ شياۋ مۇخبىرغا : « يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە، مەن چاپان ۋە سومكامنى ئېلىپلا سىرتقا قاراپ ئېتىلدىم.»
2015-يىلىدا شىنجاڭدا تۆت قېتىم 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى
2015-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆت قېتىم 5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، 10-يانۋار ئاتۇشتا 5 بال يەر تەۋرىگەن، 22-فېۋرال ساۋەندە 5 بال يەر تەۋرىگەن، 25-ئىيۇن توقسۇن ناھىيىسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىگەن، 3-ئىيۇل سائەت 9دىن 7مىنۇت ئۆتكەندە گۇما ناھىيىسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى