باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بارلىق كۈچ ۋە ئەقىل - پاراسەتنىمۇ جەسسەملەپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2015.12.03 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى 1 - دېكابىر ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىڭتۈەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل بىڭتۈەننىڭ كۈچى ۋە ئەقىل - پاراستىنى مۇجەسسەملەپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار خەن يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش −− ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ كۈچەش يۆنىلىشى. بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيەنى مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  خەن يۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىڭتۈەن قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي يېتەكچى ئىدىيە. بىز ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئېھتىياتچان، تەمكىن بولۇپ، قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ، نىشان - ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  بۇ ئومۇمىي تەلەپكە ئاساسەن، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى مۇنداق بېكىتىلدى: 2020 - يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۈەنلەرنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى روشەن كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى بىڭتۈەننىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تېزلىتىپ، كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئاھالىنى جۇغلاش ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ 2030 - يىلىغا بارغاندا بىرقەدەر مۇكەممەل ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، ئاھالە ۋە كەسپلەرنىڭ جۇغلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتى جەريانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش.تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىدا، بىڭتۈەن 1 - شى ئارال شەھىرى، 2 - شى باشئەگىم شەھىرى، 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى، 14 - شى شۇنداقلا بىڭتۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر