باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك

2015.12.03 15:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا: مەركەزنىڭ يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئىدىيەنى مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولماي، شىنجاڭنىڭ نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  يۆلەش - ئېچىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچەپ قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا 1 مىليون 730 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. لېكىن تەرەققىيات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، قىيىنچىلىق شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ھازىر نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر، شۇنداقلا نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئەمدى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ئاتاكىغا ئۆتىدىغان ئاخىرقى پەيت يېتىپ كەلدى. بىز دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلىق، قىيىنچىلىقلارنى ئادەتتىكى تەپەككۇر ۋە كونا ئۇسۇللار بىلەن يېڭىپ، ۋەزىپىنى ئورۇندىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق تەپەككۇر، تېخىمۇ توغرا تەدبىر، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ بىلەن ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا يېتىشىمىز كېرەك.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىنجاڭدا يۆلەش - ئېچىش ئالاھىدە مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بەش تونۇش»نى كۈچەيتىشكە؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا؛ «ئۈچ خىل كۈچ»تىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق.ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ سىگنالىنى ياڭراتتى. مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك تارىخىي ۋەزىپە بىزنىڭ ئورۇندىشىمىزنى كۈتمەكتە.

  شۇڭا تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىدىغان كۈچلۈك كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. «ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان، يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق». تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلىگەندىلا، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ «قىيىن ئۆتكەل» نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2020 - يىلى بارلىق نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەركەزنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك. نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۇرچىمىزنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىمىزنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئۈنۈم يارىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە نامراتلارنى يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان ۋە قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەيلى تارىخ ياكى ھازىرقى رېئاللىققا نەزەر سالساق، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى بىرلەشتۈرگەندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە قېزىپ، ئەڭ زور چەكتە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەڭ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار بەلگىلىك دائىرىدىلا ھەرىكەت قىلىشقا، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى نامراتلارنى يۆلەيدىغان تارماقلارنىڭلا ئىشى دەپ قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ؛ بېكىنىۋېلىشقا، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەشكە يېتەكلىمەسلىككە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تارماقلارنىڭ مەنپەئەت توسالغۇسىنى يېڭىپ، خاتا ئىدىيە ۋە قاراشلارنى تۈگىتىپ، «پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات» ئېڭىنى تۇرغۇزغاندىلا، يەڭگىلى بولمايدىغان نامراتلىق يوق.

  قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، نىشاننى ئېنىق بېكىتىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىلەرنى ھەرگىز سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر