باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈلباغ بازىرىنىڭ يېزا-كەنت «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى

2015.11.30 18:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز خەۋىرى، فوتوسى) شايار ناھىيە گۈلباغ بازىرىنىڭ 2016 - يىللىق يېزا - كەنت «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 27 - نويابىر بازارلىق تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇسابىقىگە ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)لەردىن كەلگەن دېھقان ۋالىبول ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى. مۇراسىمدا، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ ۋالىبول كوماندىسى بىلەن ئوتتۇرا كۆلدەش كەنت ۋالىبول كوماندىسى مۇسابىقىلىشىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى ھەمدە بىر قانچە كەنت دېھقانلىرى ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، مۇراسىم پائالىيىتىنى جانلاندۇرۋەتتى.

  گۈلباغ بازىرى بۇ يىل دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بارلىق يېزا - بازار، كەنتلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن يۈرۈشلەشكەن تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزىلاردا تەنتەربىيە ھەركىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بۇ ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىش مەقسىتىدە، بۇ يىل 12 - ئايدىن كېلەر يىلى 3 - ئايغىچە گۈلباغ بازىرىنىڭ يېزا - كەنت «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ، گۈلباغ بازىرىنىڭ «100كۈنلۈك يېزا مەيدان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى»نىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، مۇسابىقە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بازار تەۋەسىدىكى 12 كەنت – مەھەللىنىڭ بىر كەنت – مەھەللىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق كەنت - مەھەللىلەرنىڭ ۋالىبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان دېھقان تەنھەركەتچىلەر ۋالىبول كەسپى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ، بازارنىڭ ۋالىبول تەنھەركەتچىلەر قوشۇنى كۈچەيتىلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر