باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەتكە تون كىيدۈرۈلدى

2015.11.30 13:01   مەنبە: خەلق تورى

يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەتكە تون كىيدۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «ماخمۇت مۇھەممەت ئەسەرلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» 28- نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى «ئاخبارات سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئەدىب، يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار، ژۇرنال مۇھەررىرلىرى، ئاخپارات خادىملىرىدىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇدىرى زۇنۇن ئەكپەر تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابلىز قېيۇم ئون توملۇق «ماخمۇت مۇھەممەت ئەسەرلىرى» نىڭ نەشر قىلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە، تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي تەرجىمان  غوجائەھمەد يۇنۇس ئۆزىنىڭ «ئون كىتاپ، ئون دۇنيا» ناملىق ماقالىسىنى، ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەت پولات ئۆزىنىڭ «‹چۈمبەل› رومانىدىن دەسلەپكى تەسىرات» ناملىق ماقالىسىنى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فېلىلۇگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسىنىتى مۇھەممەت ھوشۇر ئۆزىنىڭ «ئەسلىمىگە تۇتاشقان يوللار» ناملىق ماقالىسىنى، ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ «ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ سەككىزلىكلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىنى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراففىىسورى، ئەدەبىي ئوبزورچى  ئابدۇبەسىر شۈكۈرنىڭ «‹ئابرال ئوغلى› ۋە زوردۇن سابىر تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ماخمۇت مۇھەممەت قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئىزھار قىلدى. ئاخىرىدا يىغىننى تەشكىللىگەن ئورۇنلار نامىدىن ئازات سۇلتان بىلەن ئابلىز قېيۇم، يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەتكە ھۆرمەت تونى كەيدۈردى. ماخمۇت مۇھەممەت شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارغا ئون توملۇق «ماخمۇت مۇھەممەت ئەسەرلىرى»نى تەقدىم قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى شەخس ۋە ئورۇنلارمۇ يازغۇچىغا ئاتاپ كەلگەن كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ماخمۇت مۇھەممەتكە تەقدىم قىلدى.

  ماخمۇت مۇھەممەت  1952-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ «ھەرەمباغ» مەھەللىسىدە، ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى غۇلجا شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغان. 1970-يىلى 5-ئايدا نىلقا ناھىيەلىك ھەسەلچىلىك فېرمىسىغا زىيالى ياش بولۇپ بارغان. 1973-يىلى غۇلجا شەھەرلىك قارادۆڭ يېزىسىغا ئالمىشىپ كېلىپ، داۋاملىق قايتا تەربىيە ئېلىپ، 1980-يىلغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن. 1980-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇندىن كېيىن تاكى 2000-يىلغىچە شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى، ئاممىۋى سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان، 2000-يىلى 9-ئايدا خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق رادىيو-كىنو تېلىۋىزىيە ئىدارىسىغا ئالمىشىپ كېلىپ خىزمەت قىلغان، 2012-يىلى 6-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.

  ماخمۇت مۇھەممەت 1965-يىلى شېئىر ئىجادىيىتى، 1971-يىلى ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم قويغان. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانېرلىرىدا ئەتراپلىق قەلەم تەۋرىتىپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن»، «ھېسام ھەققىدە قىسسە»، «چۈمبەل» ناملىق رومانلىرى، «ئاخىرقى كۈلكە»، «ھاسان قايماقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى»، «تارىخنىڭ كۆزى-موللا مۇسا سايرامى» ناملىق پوۋېست توپلاملىرى، « سالچىنىڭ ئوغلى»، « ئاھ، يانتۇ سۈرەت»، « سومكىدىكى جىدەل»، «كۆزلەر سۆزلەيدۇ»، «كارۋات ئاستىدىكى ئەر»، «ئايالىمنىڭ دوستى» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى، «قوڭغۇراق»، « ئالتۇن مۇنار»، « چەشمىلەر»، «باغقا بارايلى»، «مۇھەببەت مۇڭلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «كۆڭۈل ئىزھارىم» ناملىق پوبلىستىك ماقالىلەر توپلىمى، «قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر»، «قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر»، «ئابرال ئوغلى» ناملىق بىيوگرافىيەلىك قىسە ۋە ئەسلىمە كىتابلىرى، «تېيىپچان ئېلىيۇپ چاقچاقلىرى»، «دۇردانە لەتىپىلەر» ناملىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلىرى شۇنداقلا يىرىك ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھېسام چاقچاقلىرى» ناملىق ( ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە) ئون كىتابى نەشر قىلىندى.

  ماخمۇت مۇھەممەت يازغۇچى، شائىر، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە ئىشلىگەن ئۇزاق يىللىق ئەمگەكلىرىنىڭ نەتىجىسىدە 1993-يىلى مۇئاۋىن تەتقىقاتچى ئۇنۋانىغا، شۇ يىلى 10-ئايدا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىنات پۇلىدىن ئۆمۈرۋايەت بەھرىمان بولۇشقا ئېرىشتى. 2002-يىلى مۇدىر مۇھەررىر ئۇنۋانى ئالدى. ھازىر ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى(1994-يىل)، جۇڭگو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلىرى جەمئىيىتى(1986-يىل) ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى(1985-يىل) قاتارلىق توققۇز جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى. 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى غۇلجىدا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان «ماخمۇت مۇھەممەت پروزا ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «دۇنيا ئىقتىساسلىقلار قامۇسى»، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى قامۇسى»، «جۇڭگودىكى مەشھۇر ياشلار لۇغىتى»، «جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرى قامۇسى»، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرى» قاتارلىق يازمىلاردا تونۇشتۇرۇلغان.

  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە، ئادەتتە، پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۈللانغانلار پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئەمما، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ بۇ ئىككى تۈرى بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ھالبۇكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىككى تۈرى بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدىغان، پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىمۇ، ھېكايە، پوۋېست، رومان يېزىش بىلەنلا قالماي، بىيوگرافىك قىسسە، ئەدەبىي خاتىرە، تېلېۋىزىيە فىلىمى، تېلىۋىزىيە تىياتىرى، ئەدەبىي ئوبزور، ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازالايدىغان، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئەدىبلەر كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ، كۆپ قىرلىق ئەدىب، ئىقتىدارلىق يازغۇچى، شائىر ماخمۇت مۇھەممەت ئەنە شۇ كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئەدىبلەردىن بىرى.

  ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئالاھىدىلىكى قىسقا ۋە ھەجۋىي يېزىش بولۇپ، بۇ ئۇسلۇب ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئېلان قىلغان ھېكايىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قىسقا ھېكايىلەردۇر. كېيىنكى يىللاردا يازغۇچى ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە خاسلىقىنى ئىزدەپ ھەمدە يېتىلدۈرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يىپيېڭى بىر ھالەت بولغان شىڭگىل ھېكايىلەر، يانفون ھېكايىلىرى قاتارلىق يېڭىچە شەكىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. دەۋر بىلەن نەپەسداش، يېڭىدىن - يېڭى تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىنغان بۇ ئۆزگىچە ھېكايىلارنىڭ ھەر بىرى ئوقۇغان ئادەمنىڭ يادىدا تولىمۇ تەسىرلىك شېئىردەك ئۇنتۇلماي ساقلىنىپ قالىدۇ. ھېكايە ئىجادىيىتىنىڭ راۋاجى سۈپىتىدە ماخمۇت مۇھەممەت كېيىنكى پەيتلەردە پوۋېست ئىجادىيىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇردى. يەنى، ئۇنىڭ قىسقا ۋە يۇمۇرلۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە «نەزمەت كۆلەڭگىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى»، «ئاخىرقى كۈلكە» قاتارلىق ساتىرىك پوۋېستلىرى ۋە «ئۆچمەس گۈلخان»، «يۈرەك چىدىمايدىكەن» قاتارلىق شېئىرى تىلغا باي پوۋېستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پوۋېستى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ يۈز كۆرۈشۈپ، مۇئەللىپنىڭ يىرىك پىروزا ژانېرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئاساس سالدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ھاسان قايماقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى» ناملىق قىسسە خاراكتېرلىك پوۋېستىدا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا تىرىشىۋاتقان ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.  پىروزا ئىجادىيىتىدىكى ئۇزاق يىللىق قەلىمىنى سىناش ماخمۇت مۇھەممەتنى پىروزىنىڭ ئەڭ يىرىك ژانېرى بولغان رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش يۈكسەكلىكىگە ئېلىپ باردى. 1996 – يىلى ئۇنىڭ «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن» ناملىق رومانى نەشر قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بولۇپمۇ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى. ئوبزورچىلار بۇ رومانغا «پەلسەپىۋى ئويلىنىش ئىقتىدارى نامايان قىلىنغان ئەسەر» دەپ باھا بەردى. 2004 – يىلى ئۇنىڭ «ھېسام ھەققىدە قىسسە» ناملىق بىيوگرافىك رومانىنى نەشر قىلدى. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھايات شەخس ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى رومان بولۇپ، «زامانىمىزنىڭ ھايات نەسردىن ئەپەندىسى» دەپ نام ئالغان ھېسام قۇرباننىڭ ئەگرى – توقاي ھايات يولى تولىمۇ قىزىقارلىق رەۋىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بايان قىلىنغان. بۇ رومان نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئىلى مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن يىرىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا، يەنى 2013 – يىلى ماخمۇت مۇھەممەت يۇقىرىقى بىيوگرافىك روماننىڭ ئىزىدىن، ئۇيغۇر لەتىپىچىلىكىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس ئىشقىيار نامەتنىڭ ھايات يولى ھەققىدىكى ئىككىنچى بىيوگرافىك رومانى — «ئىشقىيار نامەت»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقتى. «چۈمبەل» رومانى يازغۇچىنىڭ ئۈچىنچى رومانى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ساتىرىك رومان ھېسابلانغان بۇ ئەسەر 2012 – يىلى نەشر قىلىنىپ، ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇنتۇلماس ئەمگىكى ئۇنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە رەتلەش ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ 30 نەچچە يىل داۋامىدا داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ ھاياتى ۋە چاقچاقلىرىنى تەتقىق قىلىپ، توپلاپ رەتلەپ، ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە 10 توپلام «ھېسام چاقچاقلىرى»نى نەشر قىلدۇردى. بۇ ساھەدە ئۇ يەنە «تېيىپجان ئېلىيوف چاقچاقلىرى»، «دۇردانە لەتىپىلەر» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى.

  ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئېكران سەنئىتىدە بولۇپ، 2000 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ تاكى 2012 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئۇ «نيۇيوركتا مۇھەببەت ئىزدەش»، «ئۇزۇن ئورۇندۇق»، «تۇنجى مۇھەببەت» ناملىق كىنولارنى ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 21 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھەققانىيەت يولى»نى (باشقىلار بىلەن بىللە) تەرجىمە قىلدى. «چاڭ – توزان بېسىققاندا»، «كۆرۈمسىز قىز لېتسىيە»، «جۇڭگو زېمىنى»، «ئانام»، «ناياڭپارنىڭ قىزلىرى»، «ئودرىي خېپبرون»، «تويدىكى كۈيچى»... قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1496 قىسىم فىلىمنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى. «گاچا كېلىن»، «سۈيىقەست ۋە نىكاھ»، «جولسۇننىڭ ھېكايىسى»، «خىلۋەتتىكى داچا» قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1189 قىسىم فىلىمنىڭ نازارەتچىلىكىنى ۋە فىلىم تەكشۈرگۈچىلىكىنى قىلدى.

  ماخمۇت مۇھەممەت ئۇزاق يىللىق ئىجادىيىتى داۋامىدا بالىلار ئەدەبىياتى، ناخشا تېكىستلىرى ئىجادىيىتى ۋە سەنئەت ئوبزورچىلىقى جەھەتتىمۇ نۇرغۇن سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ «سومكىدىكى جېدەل»، «باغقا بارايلى»، «كۆڭۈل ئىزھارىم»، «سەن شۇنداق ياشا» قاتارلىق كىتابلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئەسلىمە – تەزكىرە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. «قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر»، «قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر»، «تارىخنىڭ كۆزى — مۇسا سايرامى»، «ئابرال ئوغلى» قاتارلىق كىتابلار ئەنە شۇ سىجىل ئەمگەكلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ يىللاردىن بېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇ ھازىرغىچە 42 قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەر خىل مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولدى. جۈملىدىن ئۇنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يېزىلغان «باغقا بارايلى» ناملىق ناخشا تېكىستى 1986 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك ناخشا تېكىستى مۇكاپاتىغا، مەملىكەت بويىچە 3 ـ دەرىجىلىك ناخشا تېكىسىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يازغان تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمى «ئىلى ۋادىسىدا مەشرەپ» 1993 – يىلى مەملىكەتلىك «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «ئىككى بارماق» ھېكايىسى، «ئۇيغۇر دېھقانلىرى» شېئىرى 4 – ۋە 17 – قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. «يىگىتمۇ يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايىسى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

  سۈرەتتە: تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى

  مەنبە: خەلق تورى 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى